قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قېيىنئانىڭىزغا قانداق گەپ قىلىشنى بىلەمسىز؟

2018-04-20 18:29:50     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

مىسال: قېيىنئاناملارنىڭكىگە تۇنجى قېتىم تاماققا بارغاندا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن قېيىنئانام ئەتكەن تاماقنى تازا ماختىدىم، نەتىجىدە قېيىنئانام قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماي: سىزمۇ تاماقنى ماڭا ئوخشاش ئوخشىتىپ ئېتەلىشىڭىز كېرەك جۇمۇ،-دېدى. شۇ ھامان جىمىپلا كەتتىم، كاللامغا شۇئان قېيىنئانام بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىنغا توختامدۇ نېمە؟ دېگەن ئوي كەلدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر جۈملە گەپنىڭ ئىشى. ئوخشاش بولمىغان جاۋاب ئوخشاش بولمىغان نەتىجە پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكىدەك جاۋابلارغا 70 نومۇر بېرىلىدۇ: «راست دەيسىز ئاپا، سىزدىن كۆپرەك ئۆگىنىمەن. كەلگۈسىدە سىزدەك ئوخشىتىپ تاماق ئېتەلەيدىغان بولالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.» مانا بۇ پوزىتسىيە ناھايىتى سەمىمىي بولدى، ئەمما ياسالمىلىق قىلغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە يەنە ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزسەك 80 نومۇرغا لايىق جاۋابقا ئېرىشەلەيمىز. «تاماقنى سىز ئەتكەندەك ئوخشىتىپ ئېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن!» بۇنىڭدا چوڭلارنى ھۆرمەتلىگەن پوزىتسىيە بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ، چوڭلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېزلىكتە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمدى 100 نومۇرلۇق جاۋابنى كۆرۈپ باقايلى: «بۇ ئاسانغا توختىماسمىكىن، چۈنكى سىز ئەتكەن تاماق بەك ئوخشايدىكەن ئاپا، ۋاقتىڭىز يەتسە ماڭا كۆپرەك ئۆگىتىپ قويۇڭ بولامدۇ؟» ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر نۇقتىدىن ئويلىشىدىغان بولساق، گەپ قىلىشنىڭ بىر خىل ئىقتىدار، بىر خىل ماھارەت بولۇپلا قالماستىن، بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. قېيىنئانىڭىزنىڭ سۆزلىرىدىن ئوغلىنىڭ تۇرمۇشتا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان جۈپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئوغلىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان ئاپا ئۈچۈن بۇ گەپ ناھايىتى نورمال ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز بىلەن زىت ئەمەس، ئەلۋەتتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى