قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت نۇقتىسىدىن 61نى «ئۆتۈنۈپ بېرىپ»، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى

2018-04-20 19:29:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


  سۈرەتتە: شىنجاڭ قورغاس تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندا سۈرەتكە تارتىلغان تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)


 
 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 18- ئاپرېل تېلېگراممىسى. شىنجاڭ 2017- يىلىدىن بۇيان ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت نۇقتىسىدىن 61نى «ئۆتۈنۈپ بېرىپ»، مەملىكىتىمىزدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان − تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ۋە باشقا ئەتىۋارلىق تۈرلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى.
  دۆلەت 1- دەرىجىلىك قوغدايدىغان ھايۋان − تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى «جۇڭگودىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار قىزىل تاشلىق كىتاب»تا «ئېغىر خەۋپ- خەتەر ئاستىدا قالغان» تۈرلەر دەرىجىسىگە تىزىلغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە شىنجاڭنىڭ قورغاس ناھىيەسىدىلا بار، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «بىنەم تاشپاقىسى» دەپ ئاتايدۇ، دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تاشپاقا تۈرى شىمالدىكى قۇرغاق رايونغا تارقالغان.
  شىنجاڭ بۇ ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋاننى قوغداش ئۈچۈن، 1983- يىلى ئومۇمىي كۆلىمى 520 مىڭ مو كېلىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يەر بېغىرلىغۇچىلار تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوننى قۇردى. 2016- يىلى 5- ئايدا، بۇ قوغدىلىدىغان رايوننىڭ دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايونغا ئۆستۈرۈلدى ھەم 2017- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ قورغاس تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلدى.
  2017- يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قوغداش رايونىدا ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت نۇقتىسىدىن 95نى يىراقتىن سېزىپ ئېنىقلىدى. ھازىر شىنجاڭ زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق كونا ئۆي، خۇمدان، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت نۇقتىسىدىن 61نى چۇۋۇپ تاشلىدى ۋە كۆچۈردى، 11 ئورۇندىكى ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن باشقا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يەنە كەينى- كەينىدىن 23 ئورۇندىكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت نۇقتىسىنى تەرتىپكە سالماقچى.
  شىنجاڭ قورغاس تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن شىجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەرلىك يەنە قوغداش رايونىدا چارلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئوتلاق ئېچىش قاتارلىق قوغداش رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشنى باشقۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
  ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۆت تىرناقلىق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ تارقىلىش كۆلىمى 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىكى 500 كىۋادرات كىلومېتىردىن 180 كىۋادرات كىلومېتىرغا تارايغان، ياۋايى تۈر توپىنىڭ سانىمۇ مىليوندىن كۆپرەكتىن 200 نەچچىگە چۈشۈپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋايى تۈر توپىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن نامۇۋاپىق بولغاچقا، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان. تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندا ئاكتىپ قوغداش ۋە سۈنئىي كۆپەيتىش ئارقىلىق سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن تۈر توپى سانى 1000 ئەتراپىغا يەتكەن بولسىمۇ، ياۋايى تۈر توپىنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى ئاز ئىكەن.
 
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى