قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئائىلە مۇھەببىتى بالىلارنىڭ بەختى

2018-04-21 22:12:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئائىلە بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ھەممىدىن بەكرەك مۇھەببەتكە تەشنا بولىدىغان سۆيۈملۈك ماكان.  ئائىلىدە ئەر- خوتۇنلۇق مېھىر- مۇھەببىتى باھار گۈلىدەك ياشناپ تۇرسا، بالىلارمۇ باھاردا بەرق ئۇرغان نوتىدەك كۆكلەيدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بالىلارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىكى ھەر بىر ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىش بالىلارنىڭ قەلبىدە مۇئەييەن دۇنيا قاراش ھەم خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

   ئېنىقكى، ئاتا- ئانا بولغۇچىنىڭ ھاياتلىقتىكى تۆھپىسى ئىچىدە ياراملىق بالا تەربىيەلەشتىن ئارتۇق تۆھپە بولمىسا كېرەك. چۈنكى بالا تەربىيەلەشتە قازانغان تۆھپە ئاتا- ئانىغا، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، كەلگۈسىگە، ۋەتەنگە شان- شەرەپ كەلتۈرىدىغان تۆھپە.

    يېقىندا مۇشۇ ھەقتە پاراڭ بولغاندا بىرسى ماڭا: «ئايالىمنىڭ بەزى تەرەپلىرى كۆڭلۈمگە ياقمايدۇ. بىراق ئۇنىڭ بالا تەربىيەلىشىگە بەك قايىلمەن. ئۇنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئارتۇقچىلىقى باشقا تەرەپلەردىكى نۇقسانلىرىنى بېسىپ چۈشكەچكە، ئۇنى قەدىرلەپ كەلدىم» -دېدى.

    بىلىش كېرەككى، دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي، ئېتىراپ قىلماي، قانداقتۇر چىراي- شەكلى، يۈرۈش- تۇرىشى، خۇلقىدىكى ئانچىكى سەۋەنلىكلەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئارىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشىگە سەل قاراش تولىمۇ ئەخمىقانىلىك. مانا بۇ ھەر بىر ئاتا- ئانا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، شۇنداقلا يانداپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان، ۋەزنى ئېغىر ئىنسانىي مەسئۇلىيەت!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى