قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قەغەز قىيما توغرىسىدا

2018-04-25 19:35:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەغەز قىيما-- جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تەشمە نەقىش سەنئىتى بولۇپ، ئۇ يەنە قەغەز ئويما، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئويۇش، تۆشۈك ئېچىش، قىرىش، كېسىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان، جۇڭگو يېزىلىرىدا كەڭ تارقالغان، ئاممىۋى ئاساسى مول پۇقراۋى سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى. قەغەز قىيما ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ئاساسلىقى قەغەز، ئالتۇن رەڭلىك پوتال قەغەز، كۆن- خۇرۇم، شايى ھەتتا دەرەخ قوۋزىقى قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ بىر تۈرلۈك ياساش سەنئىتى بولغاچقا، قىيىپ چىقىرىلغان نەقىش شەكىللىرى مول ۋە كۆپ خىل، ئۇسلۇبى ئېنىق، ئاددىي- ساددا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
  قەغەز قىيمىنىڭ نۇسخىلىرى قەغەز بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا تارقالغان بولۇپ، غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «چىنار يوپۇرمىقىنى قىيىپ، ئىنىسىغا سوغا قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، جوۋ چېڭۋاڭنىڭ چىنار دەرىخى يوپۇرمىقىنى قىيىپ، ئىنىسى تاڭ شۇيۈگە سوغا قىلىپ بەرگەنلىكىگە قارىتىلغان. جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن «مۇلەن قوشىقى» دىكى بىر مىسرادا «دەرىزىگە سېرىق گۈل چاپلاش» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قەغەز قىيما تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سېرىق گۈل دېگەندە ئالتۇن رەڭلىك قەغەز كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ تۈرلۈك شەكىللەردە قىيىپ، بېزەك رەسىملىرى قىلىش ۋە ياكى پىشانىسىنى سېرىق رەڭدە بوياش قەدىمكى زامان ئاياللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پەرداز قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئىبارەت. شىنجاڭنىڭ تۇرپان ئىدىقۇت خارابىيلىكىدىن بايقالغان قەغەز قىيما-- جۇڭگودا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز قىيما ئەسىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىنىڭ قەغەز قېيمىچىلىقىدا روشەن رايون ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈزۈپ تارقاتقان ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەتلەر توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك كىتابتا خاتىرلىنىشىچە، شاڭخەيدە داڭلىق قەغەز قىيما ئۇستىسىدىن ئىككىسى بولۇپ، ئۇ جىياڭسۇلۇق ۋاڭ زىجىن بىلەن جېجىياڭلىق لىن شىمىڭدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر 92 ياشقا كىرگەن لىن شىمىڭنىڭ قەغەز قىيما ئەسەرلىرىدە، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى نەپىسلىك ۋە ئاددىيلىق، مەردانىلىق بىلەن ھازىرقى زامان ئېلېمىنتلىرى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، تاغ- دەريا مەنزىرىلىرىنى قول ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. ئۇ ئەل ئارىسىدىكى قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغان.
  ئەنئەنىۋى قەغەز قىيما دېھقانچىلىق دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى دېھقانچىلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش، چـارۋا- مالـلارنىڭ كۆپىيىشى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەغەز قىيمىدىكى شەكىللەر ئاساسلىقى ئۆي قۇشلىرى، چارۋا- ماللار، مىۋە- چىۋە، بېلىق، ھاشارەت قاتارلىقلار بولۇپ، قاپاق، نېلۇپەر، بالا قاتارلىقلار جانلىق ۋە قىزىقارلىق شەكىللەردە قىيىپ چىقىرىلىدۇ. ئەنئەنىۋى تەشمە نەقىش سەنئىتىدە، قەغەز مەيلى قانچە قېتىملاپ كېسىلىشتىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر بۆلەكلەر بىر- بىرىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، مەيلى ئۇنى قانداق ئۇسۇلدا كېسىش ھەمدە قانداق مەزمۇننى ئىپادىلەشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تۇتاشقان يېرىنى كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. مانا موشۇنداق قىيىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر بىر بۆلەكلىرى بىر- بىرىگە تۇتاشقان مۇكەممەل كۆرۈنۈش بارلىققا كېلىدۇ. نۆۋەتتىكى قەغەز قىيما تەدرىجىي ھالدا دەۋىرگە، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ ماسلاشماقتا.
قەغەز قىيما ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ۋە گۈللىنىشى-- ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن. ئۇ ھېيت- بايرام ۋە توي- تۆكۈن ئۆرپ- ئادەتلىرىدە بەخىت، ئاسايىشلىققا سىمۇۋۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئامەت، بەخىت، مول- ھوسۇل قاتارلىقلارغا بولغان ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى