قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈننەندىكى غەلىتە گۈمبەمەدەكلەر توغرىسىدا

2018-04-25 19:39:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈننەننىڭ سەي- كۆكتات بازارلىرىدا سېتىلىدىغان گۈمبەمەدەكلەر بىز ئادەتتە يەيدىغان خۇشبۇي گۈمبەمەدەك، ياپىلاق گۈمبەمەدەك ۋە يىڭنىسىمان  گۈمبەمەدەكلەرگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. يۈننەننىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتى سەۋەبلىك، بۇ يەر «گۈمبەمەدەك پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالغان. 
يۈننەندە بەزى گۈمبەمەدەكلەر مەخسۇس ھاراققا چىلىنىدۇ، بەزىلىرى كاۋاپ قىلىنىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ، بەزىلىرى توخۇ شورپىسىغا سېلىنىدۇ. گۈمبەمەدەكلەر ئىچىدە ياماق گۈمبەمەدەك ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ، ئاق چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسىدا ئۆسىدۇ. ئاق چۈمۈلە ئۇۋىسى يەر ئاستىدا بولغاچقا، ياماق گۈمبەمەدەكنىڭ غولى ئۇزۇن ئۆسكەندىلا، ئاندىن قالپىقى يەر يۈزىگە ئۆنۈپ چىقالايدۇ، غولى قالپىقىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇن بولىدۇ. ياماق گۈمبەمەدەكنىڭ ئۆسۈش شارائىتى مۇرەككەپرەك بولغاچقا، ئۇنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تېرىپ ئۆستۈرۈش تەس. شۇڭا، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك گۈمبەمەدەك» دەپ ئاتالغان. 
ساقلاش شارائىتى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا، كىشىلەر ياماق گۈمبەمەدەككە مۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، ياماق گۈمبەمەدەك يىغى ياسايدۇ. بۇ ھاراققا زاكۇسكا قىلىش، گۆرۈچ ئۇنى قورۇمىسى ئېتىشتىكى ئەڭ ئېسىل خۇرۇچ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى ياماق گۈمبەمەدىكى شورپىسى توخۇ شورپىسىدىنمۇ ئىچىشلىك ۋە تەملىك بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، داڭقى ھەممە يەرگە تارالغان قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكى بولسا يۈننەنلىكلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئەنئەنىۋى تاماق تۈرى ئەمەس. چۈنكى، قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىدە بىر خىل غەلىتە پۇراق بولۇپ، يۈننەنلىكلەر قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىنى «بەدبۇي گۈمبەمەدەك» دەپ ئاتايدۇ. كېيىن، ياپونىيەلىكەرنىڭ قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىنى يېيىش قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن، يۈننەن قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، دەرىجىسىمۇ ئۆسكەن.
يۈننەندىكى گۈمبەمەدەك تائاملىرى ئاشخانىلىرىدا، قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىنى ئىستېمال قىلىشتا ياپونىيەنىڭ خۇرۇچ تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆرنەك قىلىنغان. ئۇلار قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكىدىن «تىكەنلىك بەدەن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سوغۇق سەي تەييارلايدۇ. بۇنىڭغا شۇ كۈنى ئۈزۈۋېلىنغان ئەڭ يېڭى قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكى ماتېرىيال قىلىنىدىغان بولۇپ، خام قىزىل ئىيىق ئۈزۈمى گۈمبەمەدىكى خام بېلىق ياپراقچىسىغا ئوخشاش تىلىنىپ، ئۈستىگە ئاز مىقداردا جياڭيو ۋە قىچا تالقىنى قۇيۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
    يېشىل گۈمبەمەدەكنى يۈننەننىڭ ياۋا كۆكتات بازىرىدا دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇ خىل گۈمبەمەدەكنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان رەڭلەرگە ئاساسەن، ئۇنىڭ يەنە سېرىق، قىزىلىمۇ بار. يېشىل گۈمبەمەدەك بولسا   كالا جىگىرىسىمان زەمبۇرۇغلار ئىچىدىكى بىر نەچچە خىل گۈمبەمەدەكنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بۇ بىر نەچچە خىل كالا جىگىرىسىمان زەمبۇرۇغلارنى قول بىلەن باسسا، بېسىلغان ئورۇننىڭ رەڭگى كۆكۈش يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. چۈنكى، قول بىلەن باسقاندا، كالا جىگىرىسىمان زەمبۇرۇغنىڭ ئىچىدىكى فېنول ئېنزىمى بېسىم سەۋەپلىك رەڭ ئۆزگىرىش ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يىشىل گۈمەبەدەك زەھەرلىك. ئۇنىڭدىن زەھەرلەنگەندە، ئېغىر بولغاندا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدۇ، يېنىكرەك بولغاندا، ئادەمدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ زەھىرىنى تازىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پىشۇرۇۋەتسىلا بولىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە ئۇنى يالپاقداپ توغرىۋالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئوتتا قورۇيدۇ. ئەمما، بەزىلەر بولسا توغرىمايلا پۈتۈن ھالەتتە ياغ بىلەن چالا قورۇپ يەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ: «ئاشپەز ھۈنەرلىك، يېگۈچى يۈرەكلىك» دېيىلىدىغان يېيىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. 
بېيجىڭ «ئەندىڭ» دوختۇرخانىسى ئىلگىرى يېشىل گۈمبەمەدەكتىن زەھەرلەنگەن ئىككى كىشىنى داۋالىغان. بىر كىشى ئۆزىنىڭ يىشىل گۈمبەمەدەك يەپ زەھەرلەنگەندىن كېيىن، ئۆزىدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، كۆز ئالدىدا قىزىل كىيىم، يېشىل دوپپا كىيىۋالغان، شوخ ۋە كەپسىز، بوي ئىگىزلىكى 33 سانتىمېتىرغا توشمايدىغان پاكار كىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانلىقى، ھەر خىل رەڭدىكى گۈمبەمەدەكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقى كۆرۈنگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ كىشى بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىنتايىن گۈزەللىكى، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ يوقاپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، كېچىچە ۋارقىراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بىر كىشىنىڭ كۆرگىنى بىر توپ توشقان ۋە تىيىن بولۇپ، ھەممىسى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى چىشلىمەكچى بولغان. ئۇ قورققىنىدىن ئىككى قولىنى كۈچەپ بىر- بىرىگە ئۇرۇپ، ۋەھىمىدىن ئۇخلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. 
يۇقىرىقىلار، يېشىل گۈمبەمەدەك يەپ زھەرلەنگەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «پاپىلار دۆلىتى خىيالىي تۇيغۇ كېسىلى» بولۇپ، زەھەرلىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كۆز ئالدىدا كۆرۈلگەن ھەممە نەرسە شۇنچىلىك گۈزەل ۋە ساپ، جانسىز نەرسىلەرگە تۇيۇقسىز جان كىرگەندەك، گويا ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا بولىسىز. يېشىل گۈمبەمەدەكتىن زەھەرلەنگەنلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى خىيالىي تۇيغۇ ئىچىدە نۇرغۇن پاپىلارنى ئۇچرىتىش ئىكەن.
   بىز ئىلگىرى ئوينايدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى مارىئونىلا» ئويۇنىدىكى مارىئونىلانىڭ يېگىنىمۇ دەل يېشىل گۈمبەمەدەك ئىكەن. بۇ خىل گۈمبەمەدەكنىڭ يەتتە خىل ئۆزگەرتىلگەن سورتى بولۇپ، رەڭگى بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغىنى قىزىل رەڭلىك كۈنلۈكسىمان گۈمبەمەدەك. ئۇنىڭ سىرتىدا ئاق رەڭلىك تەڭگىچىلەر بار. ھەر قايسى ئەل كىشىلىرى بىردەك ئۇنى ئېزىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، دورا ياساپ، چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. دېمەك، بۇ «چىۋىن يوقاتقۇچى» دىن ئۇنىڭ زەھىرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يۈننەننىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسى باھارغا ئوخشاش بولۇپ، تېمپىراتۇرىسى مۇۋاپىق، ياز پەسلىدە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ. يەنە بۇ يەردە خېلى بىر قىسىم دائىرىدە ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بولۇپ، بۇ زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. يەنە شۇ سەۋەبلىك، يۈننەننىڭ ياز پەسلى يۈننەندىكى زەھەرلەنگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان مەزگىل ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، يۈننەنگە ساياھەتكە بارغىنىڭىزدا، ياۋا گۈمبەمەدەكلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇنى يەيمەن دەپلا يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى