قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيجىڭ خان سارىيى مۇزىيىنىڭ باشلىقى دەن جىشياڭنىڭ ھېكايىسى

2018-04-26 20:26:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دەن جىشىياڭنىڭ «جان تىكىپ» ئىشلەيدىغانلىقى توغۇرىسىدا، كىشىلەر ئارىسىدا بۇرۇنلا خەۋەرلەر تارقالغان. ئۇ 2002- يىلى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان ئون يىل جەريانىدا، بىرەر قېتىممۇ دەم ئېلىپ باقمىغان بولۇپ، ھەر يىلنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك سىرتتا كاماندۇرۇپكىدا بولاتتى. ھېيت- بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ، مەملىكەتنىڭ ھەر- قايسى جايلىرىغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلاتتى. يەنى، باشقىلارنىڭ دېگىنىدەك، «ئەگەر ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قىزىپ تەكشۈرۈش نەق مەيداندا بولمىسا، ئۇ ھالدا چوقۇم شۇ يەرگە بارىدىغان يول ئۈستىدە» بولاتتى.
  دەن جىشىياڭ بۇلتۇرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان «دىكلىماتسىيە» ناملىق  تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ 4- سانىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن مېڭىپ، بېيجىڭ خان سارىيى مۇزىيىدىكى 9 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆينى كۆرۈپ چىققانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەش ئارقىلىق، «خان سارىيىدىكى» دىكى تەسىرلىك تۆت پەسىل ئالمىشىش جەريانىنى سۆزلەپ، بىراقلا ھەممىگە تونۇشلۇق شەخىسكە ئايلاندى. دەن جىشىياڭ بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدىكى كۆرۈرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان «دۆلەت بايلىقلىرى» پىروگراممىسىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ پىروگراممىدا، بېيجىڭ خان سارىيى موزىيىدا ساقلىنىۋاتقان «مىڭ چاقىرىملىق تاغ- دەريالار رەسىمى» يۆگىمى، ھەر خىل ئېمال لوڭقىلار ۋە چىن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ تاش دۇمباق قاتارلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇدى.
  «دۆلەت بايلىقلىرى» پىروگراممىسىنىڭ 1- سانى كۆرسىتىلىپلا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ياخشى بولدى. مەيلى، پىشقەدەم مۇتەخەسىسلەر ۋە ياكى ئادەتتىكى كۆرۈرمەنلەر بولسۇن، ھەممىسى بۇ پىروگراممىنى ماختاشتى. خان سارىيى موزىيى شۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن تونۇلدى.
دەن جىشىياڭ، 2012- يىلى بېيجىڭ خان سارىيى مۇزېيىنىڭ ئالتىنچى قېتىملىق باشلىقى بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، كىشىلەرنى كۆپ قېتىم ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئاسارە- ئەتىقىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق ھېسابلاپ، ساياھەتچىلەر سانىغا چەك قويۇپ، ئاسارە- ئەتىقە بىلەن ساياھەتچىلەرگە تەڭ ئېتىبار بەردى؛ خان سارىيىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى قوغداپ، ھەتتا چەت ئەل رەھبەرلىرى كەلسىمۇ، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، پىيادە كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، توردا داڭ چىقاردى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئامما ئارىسىدا «خان سارىيى بەك ياخشى جاي، بىراق قوغدىمىسا ئاسان بۇزۇلۇپ كىتىدۇ» دېگەن ئۇقۇم شەكىللەندى.
  ئۇ ھەر كۈنى بېيجىڭ خان سارىيىدا نىمە ئىش قىلىدۇ؟ «دىكلىماتسىيە» پىروگراممىسى گۇرۇپپىسىدىكىلەر دەن جىشىياڭغا ۋەكالىتەن بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئۇ كۈن بويى ئالدىراش بولۇپ، بىردەممۇ ئارام تاپمايدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۇ خان سارىيىدا ئادەم كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېرىمدىن كۆپرەك ئىشچى- خىزمەتچىنى خان سارىيىدىن كۆچۈرۈپ چىقتى؛ شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى خان  سارىيىدىن چىقىرىۋىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىنى چېقىۋەتتى؛ ئۇ يەنە، خان سارىيى مۇزىيىغا ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش، پېنسىيەگە چىققانلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، يېڭى كەلگەن خىزمەتچىلەرنى قانداق تۇتۇپ قېلىش، نوپۇس، شىتاتنى قانداق ھەل قىلىش قاتارلىقلار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا باش قاتۇردى».
دەن جىشىياڭ مۇنداق دەيدۇ: «خان سارىيىدىكى ھەر بىر ئېغىز ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقىنىمدا، بەزىدە شادلىنىمەن، بەزىدە ھەيران قالىمەن. دۇنيادىكى مۇزىيلاردا ساقلانغان ئاسارە- ئەتىقىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسەن مۇنار شەكىللىك بولۇپ، مۇنارنىڭ ئۇچى قىسمىدا مۇزىيدىكى ئەڭ  قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى؛ مۇنار ئاساسىي گەۋدىسىدە بولسا مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئادەتتىكى ئاسارە- ئەتىقىلەر؛ ئاستى قىسمىدا بولسا، دەرىجىسنى بېكىتىش ئالدىدا تۇرغان ئاسارە - ئەتىقىلەر بولىدۇ. ئەمما، خان سارىيىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت تەرىپىدىن دەرىجىسى بېكىتلگەن ئاسارە- ئەتىقىلەر %93.2 نى، ئادەتتىكى ئاسارە- ئەتىقىلەر %6.4، ماتېرىياللار بولسا %0.4 نى ئىگىلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ يەردىكى ھەممىلا نەرسە قىممەتلىك بويۇملار. ۋەھالەنكى، بۇ يەردىكى قىممەتلىك ئاسارە- ئەتىقىلەرنىڭ ھەممىسى تېخى تولۇق قوغدالغىنى يوق». بەش ئاي جەريانىدا، دەن جىشىياڭ  دائىم ئاسارە- ئەتىقىلەرنىڭ نەپەسلەنگەن، خورسىنغان، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولغانلىقىنى ئېيتتى.
دەن جىشىياڭ ھەممە ئۆيلەرنى ئارىلاپ  چىققاندىن كېيىن، يەنە ھەر قايسى بۆلۈملەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. خان سارىيى تۈز سىزىق بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە بولۇپ، كۆرگەزمە بۆلۈمى، ئوردا بۆلۈمى، پەن- تەتقىقات بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى قاتارلىق 32 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان. ئۇ ھەر بىر بۆلۈمدە ئىككى قېتىمدىن يىغىن ئىچىپ، خان سارىيىنىڭ سىرتىدىكى 90 نەچچە مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خان سارىيىنى كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ- پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. 
 2013- يىلى 3- ئايدا، دەن جىشىياڭ ئۆزىنىڭ خان سارىيىنى ئارىلاپ چىقىش جەريانىدا يەكۈنلەپ چىققان تەسىراتلىرىنى يىغىنچاقلاپ «ئامان خان سارىيى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» نى يېزىپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇندى. بۇ لايىھەدە خان سارىيىدىكى قانچە ئېغىز ئۆي، قانچىلىك ئاسارە- ئەتىقىلەرنى قانداق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى قانداق قانات يايدۇرۇش، شۇنداقلا يىلدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن خان سارىيىنى ساياھەت قىلىشقا كېلىدىغان 15 مىليون كىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بۇ لايىھەنى تەستىقلىدى.
دەن جىشىياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «باشلىقلىق مەسئۇلىيىتىمنى مېڭىپ يۈرۈپ ئادا قىلدىم» دېدى. ئۇ، ھەر كۈنى خان سارىيىغا كەلگەندىن كېيىن، كاتىپى بىلەن بىرلىكتە شېنۋۇ قوۋۇقىنىڭ غەربىدىكى ئىشخانىسىدىن يولغا چىقىپ، غەرپ تەرەپتىكى خان سارىيىنىڭ قىزىل تېمىنى بويلاپ تۆت كىلومىتېر مېڭىپ، خان سارىيىنى تەكشۈرىدۇ، بوران- چاپقۇن، قار- يامغۇرلۇق كۈنلەردىمۇ توختاپ قالمايدۇ.
دەن جىشىياڭ خان سارىيىدا تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە تاماكا چىكىدىغانلاردىن 400 نەچچىسى بار ئىدى. ئۇ خان سارىيىنىڭ دۇڭخۇا، شىخۇا ۋە شىنخۇا قوۋۇقىنىڭ سىرتىدا تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلدى. نەتىجىدە، بۇ بىر نەچچە يەرنىڭ ھەممىسى قالايمىغان تاشلانغان تاماكا قالدۇقى بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە مەخسۇس تاماكا قالدۇقى تاشلايدىغان ئەخلەت ساندۇقى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن خان سارىيىدىكى ئۇستاملار ۋېلسىپىتىنى مىنىپ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىر تەرەپتىن تاماكا چىكىپ، بىر تەرەپتىن دەن جىشىياڭنى تىللايدىغان ئىش پەيدا بولدى. كېيىن بۇ ئىش سۈرەتكە ئېلىنىپ «مەن خان سارىيىدىكى ئاسارە- ئەتىقىلەرنى رېمونت قىلىۋاتىمەن» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمغا كىرگۈزۈلدى. بۇ فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، بۇ   ئۇستاملار دەن جىشىياڭدىنمۇ بەكرەك داڭ چىقاردى.
گەرچە، ئىسلاھات جەريانىدا، دەن جىشىياڭ بەزى بىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا دېگىنىنى قىلدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن  كېيىن، ساياھەتچىلەر بىلەن قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خان سارىيىدا  تاماكا چېكىش، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى چەكلىدى. 2013- يىلىدىن باشلاپ، خان سارىيىدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئىچىۋېتىلگەن رايونلاردا يول يۈرۈشى چەكلىنىپ، ئالىي مېھمانلار، ھەتتا چەتئەل باشلىقلىرىمۇ بۇ بەلگىلىمىنىڭ سىرتىدا قالمىدى. دەن جىشىياڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەنگىلىيەنىڭ بېككىنخام  ئوردىسى، فىرانسىيەنىڭ ۋېرسال سارىيى، ياپونىيەنىڭ خان ئوردىسى قاتارلىقلارغا مەيلى كىم كىرىشىدىن قەتئىينەزەر ھېچكىمنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ». 
2013- يىلى 4- ئايدا، فرانسىيەنىڭ ئەينى  ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى ئوللاند خان  سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقچى بولدى. دەن جىشىياڭ ئالدىن ۋۇمېن قوۋۇقىغا كېلىپ، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەق بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئېنىقكى، ئۇلار ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. دەن جىشىياڭ تاقەتسىزلىنىپ، خادىملارغا دەرھال ۋۇمېن قوۋۇقىنى تاقاشقا بۇيرۇق بەردى. ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن قىزىرىشىپ قالدى. ئۇ: «بۇ يەر دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراسى، ھەرگىز زىيان- زەخمەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ!» دېدى. ئوللاند زۇڭتۇڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى يېتىپ كەلدى. دەن جىشىياڭ ۋۇمېن قوۋۇقى ئالدىدا ئۇنى قارشى ئالدى. ئوللاند زۇڭتۇڭى شۇ يەردە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، خان  سارىيىنى پىيادە ئېكۇسكۇرسىيە قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بارلىق ئالىي مېھمانلارغا ئوخشاش تۈزۈم بويىچە مۇئامىلە قىلىندى.
    خان سارىيى داڭقى چىقىشىنىڭ ئارقىسىدا، دەن جىشىياڭنىڭ ھازىرقى زامان تېخنىكىسىغا بولغان ئىشتىياقى، ئادەمنى ئاساس قىلغان تەپەككۈرى سىڭگەن. ئۇ خان سارىيىنىڭ ئوتتۇرا لېنىيىسىدىكى بىر نەچچە چوڭ سارايغا LED چىراغ ئورنىتىپ، خان سارىيىنى سىرتقا  ئېچىۋەتكەندە بۇ چىراغلارنى يىقىپ، ئالتە چوڭ ساراينىڭ ئىچىنى يورۇتۇۋەتتى. دەن جىشىياڭ: ساياھەتچىلەر ئوردا ئىچىگە تىزىلغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئەمما، بىز بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاسارە- ئەتىقىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىك ئالدىنقى شەرتى بىلەن، خان سارىيىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق» دېدى. ئۇ يەنە 32 يەردە بىلەت سېتىش ئورنى تەسىس قىلغاندىن باشقا، توردا بېلەت سېتىشنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە بېلەت ئالالىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بىر مىليون يۈەن سەرپ قىلىپ، 1 مىڭ 400 ياغاچ ئورۇندۇق سېتىۋىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېرىپ قالغاندا ئولتۇرىشىغا قۇلايلىق ياراتتى.
دەن جىشىياڭنىڭ قوللىشىدا تارقىتىلغان خان سارىيى مىكروبىلوگىنىڭ توردا داڭقى چىقىپ، «يۇڭجىڭنىڭ قىزىقارلىق رەسىملىرى» تورداشلار تەرىپىدىن كەڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. «كىتاب باغاقچىسى»، «كۆڭلەك»، «ئاچقۇچ ئاسقۇچ» قاتارلىق ئون مىڭ خىلغا يېقىن مەدەنىيەت ئىجادىيەت بويۇملىرى بارلىققا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفون قېپىنىڭ تۈرىلا يۈز نەچچە خىلغا يەتتى. «ساھىبجامال راڭ جېننىڭ رەسىملىرى»، «خەن شىزەينىڭ كېچىلىك زىياپەت رەسىملىرى»، «كۈندىلىك خان سارىيى» قاتارلىق توققۇز خىل APP نىڭ ئومۇمىي چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 4 مىليون 500 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.
  2014- يىلى، خان سارىيى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۆمىكى «پادىشاھنىڭ بىر كۈنى» دېگەن نامدا يېڭى بىر خىل APP دېتالىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنى دەن جىشىياڭغا كۆرسەتكەندە، ئۇ دەسلەپ ئانچە قوشۇلمىغان ۋە: «ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىدە كىچىك پادىشاھ، ئۇلارنى يەنە بىر كۈن پادىشاھ بول دېسەك تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەمدۇ؟» دەپ ئۇنىمىغان ئىدى. ئەمما، ئۇ بۇنى سىناپ باققاندىن كېيىن، مۇنداق تەسىراتقا كەلدى: «پادىشاھمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولىدىكەن، ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى سائەت بەش بولماي تۇرۇپلا ئورنىدىن تۇرۇشى لازىمكەن، ئورنىدىن تۇرسىلا تاماق بېرىلمەيدىكەن، بىر يېرىم سائەت «تۆت كىتاب، بەش نامە» نى يادلايدىكەن، شۇنداقتىمۇ، يەنە تاماق بېرىلمەيدىكەن. كېيىمىنى يۆتكەپ، ئاۋال ۋەلىدە خاننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋال سورايدىكەن، ئاندىن سوغۇق چيەنچىڭ سارىيىغا  بېرىپ ئەمەلدارلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئاۋارە بولغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ ئاندىن تاماق يېيەلەيدىكەن. شۇڭا، نىمىلا ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر تىرىشمىسا بولمايدۇ- دە!».
بۈگۈنكى كۈندە، دەن جىشىياڭ بېيجىڭ خان سارىيىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، شانلىق قەدىمىي ئوردىنىڭ سىرلىق چۈمبەردىسىنى ئاز- ئازدىن قايرىپ ئېچىشقا باشلىدى. ئۇچۇر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بۈگۈنكى دەۋردە، تارىخنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ساقلاپ، دۆلەت گۆھەرلىرىنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا ھەسسە قوشۇش- خان سارىيىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بارلىق پىداكارلىقى ۋە مېھنىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى بولسا كېرەك!
   2020- يىلى، خان سارىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 600 يىللىقى. دەن جىشىياڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارزۇسى: ھەيۋەتلىك بېيجىڭ خان سارىيىنى مۇكەممەل ھالدا كېيىنكى 600 يىلغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خان سارىيىنى ھەقىقىي «خان سارىيى مۇزىيى» غا ئايلاندۇرۇش.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى