قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىيجاناپ پەزىلەتلىك، بىلىمى مول بولۇش مۇنەۋۋەر قىزنىڭ ئىچكى تەربىيەلىنىشى بىلەن جەلپكارلىقىنىڭ ئىپادىلىنىشى

2018-04-26 21:05:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالىجاناپ پەزىلەت يېتىلدۈرۈش. بۇ ئاقكۆڭۈل، ھىسياتقا باي، كەڭ قورساق، مېھرىبان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن باشقىلارنىڭ مەنپەتى توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان قىزلاردىكى خىسلەتتۇر.
خۇش پېئىللىق. سىز تۇرمۇشنى چوڭقۇر چۈشەنسىڭىز، تۇرمۇشقا يۇمىرىستىك، خۇش پېئىللىق بىلەن يۈزلىنىڭ، قىزىقىشىڭىز ئېسىل، مەدەنىيەتلىك، ساغلام، تىرىشچان، ئىلگىرىلەش روھىغا باي بولۇشقا تىرىشىڭ. بۇنداق قىزلار تۇرمۇشتىن بەھر ئېلىشنى بىلىدۇ ھەمدە تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر كارتىنىلىرىدىن چەكسىز خوشاللىقلارنى تاپالايدۇ، تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك خوشاللىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقىيالايدۇ، ھەرگىز ئىچى تارلىق قىلىپ تۇرمۇشتىن زارلىمايدۇ، باشقىلاردىن ئەسلا رەنجىپمۇ يۈرمەيدۇ.
تىرىشچانلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلاردا مۇستەھكەم ئىرادە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. قىزلار ئۆزىگە خاس خىسلەت يېتىلدۈرىمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىم بىلەن قوراللىنىشى، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مول مەنالارغا تولدۇرىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا  ئۆزىگە خاس خىسلەت يېتىلدۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى جەمئىيەتتىن شاللىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قۇرۇق سۆلەت، ساپاسىز قىزلارنىڭ يەكلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنىمۇ بايقاپ تۇرىمىز.
ساغلام تەن بولىشى كېرەك. ساغلام بەدەن ئادەمنىڭ بىرەر ئىش قىلىشىدىكى ئاساسلىق «دەسمايە» ھېساپلىنىدۇ. بەدەن ساپاسى ناچار، ئۈمىدىنى يوقاتقان قىزلارنى ھىچكىم ياقتۇرمايدۇ. شۇڭا قىزلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاپ، ساغلام بەدەن بولغاندا ئۆزىگە خاس خىسلەتنى تېخىمۇ روشەن نامايەن قىلالايدۇ.ئەگەر سىز ياخشى خىسلەت ھازىرلغان قىز بولسىڭىز، ھاياتنى قىزغىن سۆيسىڭىز، ئاقكۆڭۈل بولسىڭىز، تىرىشىپ ياخشى ئۆگەنسىڭىز ۋە باشقا ئالىيجاناپلىقلار سىزگە ھەمراھ بولسا، سىز باشقىلار ياقتۇرىدىغان بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى