قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللارنىڭ ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان روھىي ئامىللار

2018-04-26 21:07:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولماسلىق.
ئادەتتە ئاياللار مەلۇم ياشقا بارغاندا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئىناۋەت تېپىش ئارزۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما رىقابەت شارائىتىدا ئاياللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىمالى بەزىدە تۆۋەنرەك بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسى تۇراقسىز بولۇپ، ئادەتتە ياش، مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، تۇرمۇش قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ھارماي-تالماي ئىزدىنىدۇ. ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن كەسىپتە چېكىنىپ كېتىدۇ. بىر قىسىم ئاياللار كۆڭۈلدىكىدەك جورىغا ئېرىشكەندىن كېيىن جورىسى ۋاپادار ئايال،  مېرىبان ئانا بولۇشنى تەلەپ قىلسا، جورىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىمەن، دەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. ۋاپادار ئايال، كۆيۈمچان ئانىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىغاندىن كىيىن بولسا، ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالىدۇ. بۇرۇنقى ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇراي دېسە سەل كىچىككەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللاردا مەنپەئەت ئىشەنچىسى ئاجىز بولىدۇ. ئاياللار كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجە بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان بولغاچقا جەمىئيەتنىڭ مۇنازىرىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئاياللار يەنە سىرتقى بېسىم بىلەن ئۆز ھېسىياتىنى تىزگىنلەشكە ئاجىز بولغاچقا، غايە ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئارزۇسىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ. 
ئۆزىنى كەمسىتىشتىن خالىي بولالماسىق.
 بىر قىسىم ئاياللار ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاپ، ئەقىل- پاراسەت جەھەتتە ئەر خىزمەتداشلىرىغا يەتمەيمەن، دەپ قارايدۇ ۋە خىزمەتتىكى رىقابەتتىن ۋاز كىچىدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسىسىياتى ئاياللارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنىڭ يىتەرسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆزىگە ئىشىنىش، ئىجادچانلىق تەپەككۇرنىڭ مۇھىم شەرتى بولۇپ، ئىختىساسلىق بولۇپ يېتىلىشنىڭ پىسخىكا ئاساسى. ئاياللارنىڭ ئىجادچانلىق تەپەككۇر سەۋىيەسى قانچىلىك يۇقىرى بولسا، ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئاياللاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ئىجادىيەت خارەكتېرلىق تۆھپىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
ھەسەت قىلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇش.
ھەسەت قىلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك ئاياللار رىقابەتچىسىنىڭ كەسىپتە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ھەسەت قىلىپ ئازابلىنىدۇ. ئەگەر نەتىجىگە ئېرىشمىسە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ خىل ھەسەتخورلۇق ئۇلاردا روھىي بېسىم پەيدا  قىلىپ، دائىم دەككە- دۈككىدە يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئاياللار خىزمەت بىلەن ئۆگىنىشتە زېھنىنى يىغالمايدۇ-دە، ئىجادچانلىق روھىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ روھىي بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، ناۋادا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ياكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئازراق سۈركىلىش ۋە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە بىئاراملىق ھېس قىلىپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كېتىدۇ. بۇنىڭ سالامەتلىككە تەسىرى بولغاچقا خىزمەت ئۈنىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئۆز- ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ئىدىيەسى كۈچلۈك بولۇش.
ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللار جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىقتىدار بولغانىكەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە پەخىرلىنىش كېرەك. لېكىن، رېئال تۇرمۇشتا بەزى ئاياللار ئازراق نەتىجە بىلەنلا قانائەتلىنىپ، داۋاملىق ئىلگىرلەشنى ئويلىمايدۇ. بەزىلىرى ئەتراپىدىكى ھەسەتخورلۇقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي قايغۇرىدۇ، بەزىلىرى كەسىپكىلا بېرىلىپ كېتىپ، تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقتىن قايغۇرىدۇ.
قىممەت قارىشىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بولىشى.
ئاياللاردىكى قىممەت قارىشى كۆپ قاتلاملىق ھەم تۇراقسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن پايدىسىز ئامىللار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يۇقىرىقى ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئاياللار ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرخىل چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇش بىلەن بىللە ئۆزىنى ھۆرمەتلىشى، ئۆزىگە كۆيۈنىشى، ئۆزىنى قەدىرلىشى، ئۆزىگە ئىشىنىشى، شۇنداقلا ئۆزىدىكى قىممەت قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى كېرەك. كەسىپ بىلەن شۇغۇنلىنىۋاتقان ئاياللار مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە بىلەن كەسىپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئەڭ يۇقىرى قىممەت ئۆلچىمى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى