قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۆۋەندىكى نۇقتىلار ھەر ۋاقىت تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ

2018-04-26 21:32:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. قىممىتىڭىزنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەتنى تېپىڭ ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا ئىگىلىك تىكلەڭ.
ھەر ھەپتىدىكى 40 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت ۋاقتى. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرالمايدىغان ھەتتا سىز بىزار بولىدىغان خىزمەت بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ۋاقىتقا ھەقىقەتەنمۇ چىدىغىلى بولمايدۇ. خىزمەتتىكى پاسسىپ كەيپىيات تۇرمۇشىڭىزنىڭ باشقا تەرەپلىرىگىمۇ تەسىر كۆرىسىتدۇ. ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتقان سىز بىلەن مېنىڭ ئەتراپىمدا ھەمىشە زور مىقداردىكى بىلىم ۋە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللار يوشۇرۇنغان. سىز ئىنتېرنېت ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرشسىڭىز ياكى بولمىسا ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىگىلىكنى تىكلىسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بىز بۈگۈنكى بارلىق مۇمكىن بولىدىغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان خىزمەتنى قىلىشىمىز شۇ ئارقىلىق كىشىلىك ھايات نىشانىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك.
2. ھاردۇرىدىغان مۇھەببەتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغان بىرسىنى تېپىڭ.
خىزمەتكە ئوخشاشلا، مۇھەببىتىمىزمۇ تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار بولغاچقىلا بىز خۇشال بولىمىز ياكى ئازابلىنىمىز، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق سۆيگۈدە ئەقلىي بىلىش كەمچىل بولغاچقا، مۇھەببەتلىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئىش بەزىدە بىزنى تولىمۇ ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە نوقۇل ھالدا رومانتىكقىلا مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. ئەگەر بىر قېتىملىق مۇھەببەت سىزنى ئازابلاندۇرسا، ئۇنداقتا بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا قەتئىيلىك بىلەن بىر قارارغا كېلىپ، تۇرمۇشتىكى بارلىق پاسسىپ نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئەگەر مۇھەببىتىڭىز مۇقىم بولسا، ئۇنداقتا بۇنى ياخشى يۈرگۈزۈشكە بەل باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ.
3. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچمەڭ.
ئەگەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي ۋە ياكى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەي دېسىڭىز، ئۇنداقتا، ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىغاندا، ھاياتىي كۈچىڭىز تولۇپ تېشىپ، زېھىنىي قۇۋۋىتىڭىزمۇ تۇرمۇشىڭىزنى يېپيېڭى ھالەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ. يەۋاتقان يېمەكلىكىڭىز كەيپىياتىڭىزغا شۇنداقلا بۇ دۇنياغا بولغان پوزىتسىيەرىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، چۈنكى ئۇ سىزنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكاردۇر.
4. مەڭگۈ تەكەببۇرلۇق ۋە مەمەدانلىق قىلماڭ.
تۇرمۇش ھەرقانچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق مىننەتدار بولۇشىمىزغا ئەرزىيىدىغان تەرەپلەر يەنىلا نۇرغۇندۇر. بىز ئۆز- ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ ئەمەس بەلكى مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. تۇرمۇشتىكى ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەرگە مىننەتدار بولۇڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغان قەلبىڭىز بىلەن ئىنتىلىشچان بولۇڭ. غايىڭىزنى، نىشانىڭىزنى قانچىكى چوڭ قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆز- ئۆزىڭىزدىن قانائەتلىنىپ، ئەسلىدىنلا ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچمەڭ.
دىمەك، مەيلى قايسىلا كۈندە بولمىسۇن، سىز تېخىمۇ قالتىس ياشاشقا ھوقۇقلۇق. ھەر بىر نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىسىڭىزلا، چوقۇم بەختلىك بولالايسىز. بىراق ئەڭ مۇھىمى، ئۆزىڭىزنىڭ ئويى بىلەن ھەر بىر كۈنىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭ، ھەركۈنىدە ئەڭ توغرا تاللاش قىلىپ، ئېرىشمەكچى بولغان غايىڭىزدىكىدەك تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى