قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېلىشىم

2018-04-27 19:46:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياڭ بەي 


  گۈزەل كۈز ئايلىرىنىڭ بىرى، كەركىدان گۈلى خۇشپۇراق چېچىۋاتاتتى. دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مەن دۇنياغا داڭلىق شىبەن بازىرىغا ساياھەتكە باردىم، بازارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى ئاددى بولۇپ، كىشىگە غايىۋى ماكاندا تۇرغاندەك تەسىرات بېرەتتى.
  ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، بازاردا دائىم توك ئۈزۈلۈپ قالدىكەن، شۇڭا شام تەييارلاش كېرەك بولىدىكەن. مەن يېقىن ئەتراپتىكى ماگىزىنلارنىڭ ھەممسىگە كىرىپ چىقتىم، دۇكاندارلار شامنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. مەن ھەيران قالدىم، ساياھەت بازىرىدا شام ساتىدىغان دۇكاننىڭ يوقلىقى قىززىقتە، ئۇچىنجى دۇكاندار، ئاغزىدا تاماكىنى چىشلىگىنىچە، ئېڭىشىپ دۇكاندىكى ماللىرىنى رەتلەۋاتقان ئىكەن، مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشنى ئاۋارىچىلىك كۆردىمۇ قانداق، خۇشياقمىغان ھالدا:

  ــ شامنىڭ پايدىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، گۇڭ كۆتۈرمەيدۇ، ــ دىدى.
  ئۇ مېنىڭ يېڭى كەلگەن ساياھەتچى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ئەڭ چەتتىكى موماينىڭ دۇكىنىغا بېرىشىمنى ئېيتتى.

مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي يولنى بويلاپ مېڭىۋەردىم، كوچا ئايىقىدا، سەل ئىچكىرسىدىكى بوشلۇقتا ھەقىقەتەن بىر ئاددىي يايما ئورنى بولۇپ، بامبۇكتىن توقۇلغان سايمانلار ۋە ئۇزۇن- قىسقا ئارغامچىلار تۇزىقلىق تۇراتتى. تۈزۈك خېرىدارمۇ كۆرۈنمەيتتى.

  يايما ئىگىسى ئاتمىش ياشلاردىكى بىر ئايال ئىكەن، ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمگە پىسەنت قىلماستىن بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدى قولىدىكى بىر كۆك رەڭلىك كۇلانى ئېشىۋاتاتتى. كۇلانىڭ ئېشىپ بولغان قىسمى خۇددى ئىلانغا ئوخشاش ئۇنىڭ بىلىكى ۋە بوينىدا يۆگىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئاپپاق چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، سەل قۇرقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى.  

 ـــ شام بارمۇ، ـــ سورىدىم مەن پەس ئاۋازدا. ئايال ماڭا قارىۋاتكەندىن كېيىن قولىدىكى ئىشىنى توختۇتۇپ، ياغاچ مال جازىسى ئۈستىدىن بىر باغلام شامنى ئالدى. ئارقىدىنلا، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئەشكەن كۇلالىرىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكى، ھازىر ياشىنىپ قالغاچقا تازا كۈچىيەلمەيۋاتقانچلىقى، كۇلا ئېشىش ئۈچۈن قولىنىڭ كۈچى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى. پۇل تۆلەيدىغان چاغدا مەن ئايالدىن سودىسىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:  

 ــ ياخشى، ياخشى، قارىمامسىز دائىم توك توختايدۇ،- دىدى. بىر مۇنچە پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئايال قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ، شامنى ماڭا سۇندى. بۇ چاغدا مەن بۇ ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى مىدىرتالمايدىغانلىقىنى بىلدىم، قارىغاندا پاراللىچ بولۇپ قالغان بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويۇپ، ئاستا قايتتىم.
  ئۇدا بىر نەچچە كەچ توك توختىدى. ئۆيدە ئولتۇرىۋېرىپ زېرىكىپ، كوچىغا چىقىپ ئايلاندىم. كوچىدا ئادەملەر ئاز، دېرىزىلەردىن شام يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇرتتى. مەن خەنزى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىغا كىرىپ ئازراق نەرسە سېتىۋالدىم- دە، يەنە دۇكاندار بىلەن شام توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم.  

 ــ بازاردا دائىم توك توختايدىكەن، شامنىڭ سودىسى ياخشى بولغىدەك، سىز نىمىشقا ئازراق شام كىرگۈزۈپ ساتمايسىز؟

 دۇكاندار كۈلۈپ قويۇپ، قولىدىكى تاماكىنى چېكىشكە باشلىدى. ئۇ ماڭا يايمىكەش ئايالنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

ئەسلىدە ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بازاردا نامى بار ساتىراش ئىكەن، مىجەزى مۇلايىم، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بەك ياخشى ئىكەن، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە كۈرەش قىلىش ئوبىكتى بولۇپ قېلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئايالى كۈلا ئېشىپ كۈن كەچۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز ئىككى بالىنى ناھايىتى تەستە چوڭ قىپتۇ.
  كېيىن سىياسەت ياخشىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى شەھەردە ئوي- ئوچاقلىق بوپتۇ. لېكىن ئۆتكەن يىلى، ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ بىرى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپتۇ، يەنە بىرى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ، ئايالنىڭ پۈتىدىنمۇ مەسىلە چىقىپ تۇرمۇشتا بەك قىيلىنىپ قاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىكى ئالدىدا ئاددىي يايما ئېچىپ تۇرمۇشىنى قامداپتۇ، يۇرتداشلىرى ياردەم قىلىمىز دىسە، ئايال جاھىللىق قىلىپ باشقىلارنى ئاۋارە قىلغۇسى كەلمەپتۇ. ئامالسىز بىر قانچە دۇكاندارلار كېلىشىپ، شام ساتماسلىقنى قارار قىلىشىپتۇ.
  جىمجىت كوچىدا كېتىۋاتىمەن، بايىقى دۇكاندارنىڭ سۆزىنى ئويلاپ، پۈتۈن بازارنىڭ كېچىسىنى شۇ يايمىكەش ئايالنىڭ شاملىرىنىڭ يورۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. دۇكاندارلارنىڭ بىر ئاددىي كېلىشىمى، بۇ دۇنياغا تەڭداشسىز گۈزەللىك ۋە مېھرى- مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى