قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يات كىشىنىڭ ياردىمى

2018-04-27 19:48:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گاۋ شىنجې

 
 
 
 ئاپتوبۇس توختىشى ھامان، بىر يىگىت بىر موماينى ئاۋايلاپ يۆلەپ ئاپتوۋۇزغا چىقاردى. بېلەتچى ئۇلاردىن نەدە چۈشىدىغانلىقىنى سورىدى، يىگىت «جىياجۇاڭ كەنتىدە» دېدى، موماي بولسا «تاڭتۇسۇن كەنتىدە» دېدى.  موماي سەل سېمىز بولۇپ، ھەركىتى ئاستا، شالاڭ ئاپپاق چاچلىرىنى كەينىگە تۈگۈۋالغان؛ يىگىت 20 ياشلاردا، قىزىل رەڭلىك تالىستوپكا كىيىۋالغان، مەڭزىلىرى قىزىل، كۆزلىرى نۇرلۇق ئىدى. ئۇ موماينى دېرىزە يېنىدىكى ئورۇندۇققا ئورۇنلاشتۇردى- دە، ئۆزى يېنىدا ئولتۇردى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن، ئاپتوبۇس ئۆلكە مەركىزىدىن چىقىپ، يېزا يولىغا چۈشتى. شوپۇر يول بويى يولۇچىلارنى ئېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بېلىق تۇتۇش قارمىقى، ئەپكەش كۆتۈرۈۋالغان، يەنە بەزىلىرى يىلان تېرىسىدىن تىكىلگەن خالتا كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشىپ، بىر- بىرىنى ئىتتىرىشەتتى.
   ئۇچىنجى ئايدىكى قۇياش نۇرى تولىمۇ ئىللىق ئىدى. يولۇچىلارنىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان ئىسسىقلىق بىلەن قوشۇلۇپ، بىر دەمدىلا موماينىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. موماي ئىسسىپ كېتىپ، بېشىنى دەرىزىدىن چىقىرىپ سالقىندىماقچى بولدى. بۇ چاغدا بېلەت ساتقۇچى:
  ـــ ئەي يىگىت ئاپىڭىزغا ئېيتىپ قويۇڭ، بېشىنى دېرىزىدىن چىقارمىسۇن، خەتەرلىك، ــ دىدى. موماي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ، يىگىتكە قاراپ كۈلۈپ قويدى.   ئاپتوبۇس يولدا چايقىلىپ كېتىۋاتاتتى. ئاستا- ئاستا موماينىڭ كۆزلىرى يۈمۈلۈپ، بېشىنى يىگىتنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ مۈگدەشكە باشلىدى. يىگىت بۇنى كۆرۈپ، موماي تەرەپكە سەل سۈرۈلدى- دە، سول مۇرىسىنى تۆۋەنرەك قىلىپ بەردى. بىر دەمدىلا موماي يېنىك خورەك تارتىپ ئوخلاپ قالدى. ئاغزىدىن شۆلگەي ئېقىپ يىگىتنىڭ مۈرىسىگە چۈشتى. يىگىت مۇرىسىنى سۈرتمىدى، ئۇ قولىنى سوزۇپ، دېرىزىنى ئاستا ئېتىپ قويدى.   بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، موماينىڭ بېشانىسدىن تەر چىقىشقا باشلىدى. چېچى يۈزلىرىگە چاپلىشىپ قالدى. بۇ چاغدا يىگىت ئالدىنقى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئايالنىڭ دېرىزىنى ئاچقىنىنى كۆرۈپ:
  ــ ھەدە، دېرىزىنى يېپىۋەتسىڭىز،ــ دىدى.
  ئايال ھەيرانلىق بىلەن بۇرۇلۇپ يىگىتكە قارىدى، يىگىت موماينى ئىشارە قىلدى،
  ــــ ئۇخلاپ قالغان، شامالداپ قالمىسۇن.
  ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ:
  ـــ كەچۈرۈڭ، ئاپىڭىزنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلمەپتىمەن،ـــ دىدى.
  ئاپتوبۇس يول بويى بىر قانچە قېتىم توختىدى، يولۇچىلارمۇ چىقىپ- چۈشۈپ تۇراتتى. بىر چاغدا بىر بېلىق قارمىقى كۆتۈرۈۋالغان ئادەم ئەپكەش كۆتۈرۈۋالغان كىشىگە سوقۇلۇپ كېتىۋىدى، مومايغا تېگىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. يىگىت قولى بىلەن موماينى قوغداپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە:    ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، ــ دىدى.
  بۇ ئىككىيلەن مومايغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
  يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، يولۇچىلارمۇ ئازلاپ قالدى. بېلەت ساتقۇچى قىز يىگىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەمدىلا بېلەت ئېلىڭ دەي دەپ تۇرىشىغا يىگىت «ئۈش» دەپ ئىشارەت قىلدى، ئاندىن ئون يۇەنلىك پۇلدىن ئىككىنى چىقىرىپ بېلەتچىگە سۇندى.
  ــ ئىككى بېلەت، تاڭتۇۋسۈن كەنتىگە.
  بېلەت ساتقۇچى تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان موماي ۋە يىگىتكە قاراپ قويۇپ:
  نىمە دېگەن ۋاپادار يىگىت بۇ ــ دەپ ماختاپ كەتتى.
  ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، تاڭتوۋسۇن كەنتىگە يېتىپ كەلدى. يىگىت موماينى ئاستا ئويغاتتى:
  ــ چوڭ ئانا، ئاپتوبۇستىن چۈشىمىز.
  ـــ ھە، ھە كەلدۇقما؟ ــ موماي كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ، ئۇيقۇلۇقتا ئورنىدىن تۇرۇپ، سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. يىگىت ئۇنى يۆلەپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا ئىشىك يېنىدا تۇرغان بېلەتچى:
  ــ چوڭ ئانا دەيدىغۇ، بۇ ئۇنىڭ ئانسى ئەمەسمىكەن؟ ـــ دىدى ھەيران بولغان ھالدا.
  يىگىت بېشىنى بوش لىڭشىتىپ قويۇپ ئاپتوۋۇزدىن چۇشتى.
  موماي بىلەن يىگىت يول بويىدا تۇرغاندا، ئاپتوبۇس قوزغالدى. موماي ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرىشىغا بىر نىمە ئېسىگە كەلگەندەك پىشانىسىگە بىرنى ئۇردى:   ــ ۋاييەي، بېلەت ئالماپتىمەن.
  يىگىت كۈلۈپ كەتتى، ــ ئاپتوبۇس مېڭىپ كەتتى، ـــ بېلەت ئالمىغان بولسىڭىز ھىچقىسى يوق.
  ـــ قارىمامدىغان، شۇنچە ئوخلاپ كەتكىنىمنى، بېلەت ئالمىسام ئالدامچىغا ئايلىنىپ قالمامدىم؟ ــ دىدى موماي يىگىتكە قاراپ، ـــ سىزمۇ ئوخلاپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەسلىدە جىياجۇاڭدا چۈشىمەن دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ ئۇ يەردىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتۇق، ئۆتۈپ كەتتۇق.
  ـــ چوڭ ئانا، سىز شۇنچە تاتلىق ئۇخلاۋاتسىڭىز، مەن تۇرۇپ كەتسەم، سىز ئويغۇنۇپ كەتمەمسىز، سىز قايتىۋېرىڭ، قايتىدىغان ئاپتوبۇس ھازىرلا كېلىدۇ، ــ دىدى ئۇ مومايغا بوپىسىنى ئۇزاتقاچ.
  موماي تولىمۇ خىجىل بولغان ھەم چەكسىز مىننەتدار بولغان ھالدا كەينىگە بۇرۇلدى، ئۇ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن يىگىتنىڭ يەنىلا جايىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يۇقۇرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
  ـــ ئەگەر قايتالماي قالسىڭىز، بىزنىڭ ئۆيگە بېرىڭ، كەنتنىڭ ئېغىزىدىكى بىرىنجى ئۆي شۇ.
  ـــ رەھمەت چوڭ ئانا، ئاۋايلاپ مېڭىڭ.
  يىگىت بىر تۈپ كامفورا دەرىخى ئاستىدا تۇراتتى، قۇياش نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۇششاق چىچەكلەردەك كۆرۈنەتتى. بىر دەمدىن كېيىن قايتىدىغان ئاپتوبۇس ئۇنىڭ يېنىدا توختىدى. ئۇ بىرنى سەكرەپلا ئاپتوبۇسقا چىقتى، ئاپتوبۇس ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى