قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى «ساپال سىرى زاۋۇتى مەدەنىيەت كوچىسى»

2018-04-28 16:25:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يۈەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، بۇ يەرگە ساپال سىرى  زاۋۇتى قۇرۇلغاچقا،  «ساپال سىرى زاۋۇتى» دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاسارە- ئەتىقە سودىگەرلىرى بۇ يەردە تىجارەت قىلغان، چيەنلۇڭ خان دەۋرىدە ئاسارە- ئەتىقە، ھۆسىنخەت، رەسىم، ئابىدە خەت ۋە يېزىچقىلىق سايمانلىرىنى ساتىدىغان بازار قىلىنغان. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق روڭباۋجەي كىتابخانىسى، جۇڭگو كىتابخانىسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماگىزىنىنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە دۇكان ئاچقان. 1982- يىلى ساپال سىرى زاۋۇتى مەدەنىيەت كوچىسى قايتا رېمونت قىلىندى. رىمۇنت قىلىنغاندىن كېيىن، كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۇكانلار كۆك كاھىش ۋە رەڭلىك خىش ئويمىلار بىلەن بېزىلىپ، تېخىمۇ قويۇق قەدىمىي تۈسكە ئىگە قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى