قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىخېيۈەن

2018-05-08 18:57:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بېيجىڭ سىخېيۈەن (四合院) ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش ھۈنەر- سەنئىتى بولسا، بىر خىل ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت. بېيجىڭ سىخېيۈەن يەنە سىخېفاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قەدىمىي بېيجىڭدىكى ھەم ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆي، ھەم قەدىمىي پايتەخت قىياپىتىگە ئىگە ئۆزگىچە مەنزىرە رايونى. ئۇ بىر خىل خىشتا سېلىنغان ئولتۇراق ئۆي بولۇپلا قالماي، بەلكى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى بىر ھويلىدا تۆت قاتار ئۆي بولۇپ، بۇلار تۆر ئۆي، شەرقىي، غەربىي يانداش ئۆي ۋە ھوجرىدىن ئىبارەت. تۆت تەرەپتە ئۆي، ئوتتۇرىسى ھويلا شەكلىدە.

2011- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، بېيجىڭ سىخېيۈەن ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر- سەنئىتى-- گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 3- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بېيجىڭ سىخېيۈەن يەنە سىخېفاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىكى «سىخې» دېگەن سۆز «تۆت بىر» ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ھويلىدا، شەرق، غەرپ، جەنۇب، شىمالدىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىكى ئۆيلەرنىڭ بىر ھويلىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بېيجىڭدىكى ئۆلچەملىك «سىخېيۈەن» ئادەتتە شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان تار چاسا قورۇ بولۇپ، جەنۇب تەرەپكە قارايدۇ. سىخېيۈەننىڭ ئوتتۇرىسى ھويلا بولۇپ، كەڭرى ۋە ئازادە. ھويلا ئوتتۇرىسىغا دەل- دەرەخ ۋە گۈللەر تىكىلگەن ھەمدە بېلىق باقىدىغان كۈپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ سىخېيۈەننىڭ مەركىزى ھىساپلىنىدۇ. شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ئۆيدىن ئۆيگە ئۆتىشىدىغان، ئاپتاپ سۇنىدىغان، سەگىدەيدىغان، ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان، دەم ئالىدىغان، ئۆي ئىشلىرى ئەمگىكى قىلىدىغان جايى.

سىخېيۈەنگە كىرگەندە، 1- ئىشىكتىن ئاۋال ئۆيگە كىرىدۇ. 2- ئىشىكتىن زالغا كىرىدۇ. 3- ئىشىكتىن خاس ھوجرا ياكى قىز ھوجرىسىغا كىرىدۇ. بۇ قىز- ئاياللارنىڭ ھوجرىسى ياكى ئائىلە پائالىيەت ئورنى بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر خالىغانچە كىرسە بولمايدۇ. شۇڭا، قەدىمكىلەرنىڭ شېئىرىدا: «ھويلا- ئارام زادى قانچىلىك ئىچكىرى» دەپ بىكار يېزىلمىغان. ھويلا- ئارام قانچە ئىچكىرى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچە چوڭقۇر سىرلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

سىخېيۈننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قايدە- يوسۇنلىرى بولىدۇ. بۇمۇ ھويلىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇ ئادەتتە چوڭ سىخېيۈەن، ئوتتۇرا سىخېيۈەن، كىچىك سىخېيۈەندىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلىنىدۇ.

كىچىك سىخېيۈەننىڭ ئىچىدە شىمال تەرەپتە ئۈچ ئېغىز ئۆي بولۇپ، بىر مېھمانخانا، ئىككى ياتاق ياكى ئىككى مېھمانخانا بىر ياتاق بولىدۇ. شەرق، غەرپ تەرىپىدە ئىككى يان ئۆي، جەنۇب تەرىپىدە ئۈچ ئېغىز ئۆي بولىدۇ. خىش ياكى كاھىشتا سېلىنىدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئولتۇراقلىشىشقا ماس كىلىدۇ. چوڭلار ئۇدۇلدىكى ئۆيدە، كىچىكلەر ياندىكى ئۆيدە تۇرىدۇ، جەنۇب تەرەپتىكى ئۆي كۈتۈپخانا ياكى مېھمانخانا قىلىنىدۇ. ھويلىغا خىش بىلەن ھەر قايسى ئۆيلەرگە تۇتاشتۇرۇلغان يول ياسالغان بولۇپ، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەلەمپەي بار. دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى قارا رەڭدە سىرلانغان، ئىشىككە بىر جۈپ مىس تۇتقۇچ ئورنىتىلغان، ئىككى تەرىپىگە مەسنەۋى چاپلانغان بولىدۇ.

ئوتتۇرا سىخېيۈەن كىچىك سىخېيۈەندىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە شىمال تەرەپتە بەش ئېغىز، يەنى، ئۈچى ئۇدۇل، ئىككىسى ياندا بولىدۇ. شەرق، غەرپ تەرەپتە ئۈچ ئېغىز ئۆي بولىدۇ. ئۆي ئالدى كارىدۇر بولۇپ، شامال، يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھويلا تېمى ئارقىلىق ئالدىنقى ھويلا، ئارقا ھويلا قاتارلىقلارغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئاي شەكىللىك ئىشىك ئارقىلىق بۇ ھويلىلارغا ئۆتۈشكىلى بولىدۇ. ئالدى ھويلا ئاددىيراق بولۇپ، بىر ئىككى ئېغىز ئاساسىي ئۆيدىن تەركىپ تاپقان، ئارقا ھويلا بولسا تۇرالغۇ ئۆي بولۇپ، قۇرۇلۇشى ئالاھىدە، ئۆي ئىچىگە خىش ياتقۇزۇلغان، مەرمەر تاشتىن پەلەمپەي قىلىنغان بولىدۇ.

چوڭ سىخېيۈەن ئادەت تىلى بويىچە «داجەيمېن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆيلەرنىڭ لايىھىلىنىشى 5 ئۆي شىمالدا، 5 ئۆي جەنۇبتا ياكى 7 ئۆي شىمالدا، 7 ئۆي جەنۇبتا، ھەتتا توققۇز ياكى 11 ئۆي ئۇدۇلدا قىلىپ لايىھىلەنگەن بولىدۇ. بۇ ئۆيلەر قوش قەۋەت شەكلىدە سلېنىدۇ. چوڭ سىخېيۈەندە ئادەتتە نۇرغۇن كىچىك سىخېيۈەنلەر بولۇپ، ئۇلار يانمۇيان، ئۇزۇنىسىغا سېلىنغان. ئۇلار-- ئالدى ھويلا، ئارقا ھويلا، شەرقىي ھويلا، غەربىي ھويلا، ئۇدۇل ھويلا، يان ھويلا، ھالقىما ھويلا، كۈتۈبخانا ھويلىسى، ئايلانما ھويلا، ئاتخانا، بىر تۈنەك، ئىككى تۈنەك، ئۈچ تۈنەك . . . قاتارلىقلار. ھويلىلارنىڭ ھەممىسىدە ھەممە يەرگە تۇتىشىدىغان ئۇزۇن كارىدۇرلار بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى چوڭ. ئەگەر ئىشلىتىلىش كۆلەم دائىرىسى كىچىك ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەن ئەھۋالدا، سىخېيۈەن سەنخېيۈەنگە ئۆزگەرتىلىپ، جەنۇبىي ئۆي سېلىنمايدۇ.

سىخېيۈەن گەرچە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مول ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. سىخېيۈەننىڭ قۇرۇلۇشىدا يەر شارائىتى تەلىماتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمى بىناكارلىق، مۇھىت ئىلمى، جۇڭگو ئەنئەنىۋى قۇرۇلۇش نەزەرىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. سىخېيۈەننىڭ بېزىلىشى، نەققاشچىلىقى، رەڭ- بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت گەۋدىلەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ بەختكە، گۈزەللىككە، بايلىققا، ئامەتكە بولغان ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كېپىنەك شەكلىدىكى «ئۆمۈر» دېگەن خەتتىن تەركىب تاپقان رەسىملەر «بەخت بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر» ئىككىلىسى تولۇق دېگەن مەنىنى؛ لوڭقىنىڭ ئىچىگە گۈل سېلىنغان رەسىم «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تىنچلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئىشىككە يېزىلغان قۇت تىلەش مەنىسىدىكى سۆزلۈك، چاپلانغان مەسنەۋىلەر ھەمدە ئۆي ئىچىدىكى ئېسىل ھۆسنخەت ۋە رەسىملەر، قەدىمىي كىلاسسىك پەلسەپەۋى ئەسەرلەر، قەدىمدىن ھازىرغىچە داڭلىق گۈزەل تاغ- دەريالار مەدھىيەلەنگەن دۇنياغا داڭلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر ياكى يۈكسەك ئىرادە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە كىتاب- ماتېرىياللار قوشۇلۇپ، بۇ يەرنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سارىيىغا ئايلاندۇرغان.

بېيجىڭ سىخېيۈەن-- دۇنياغا داڭلىق. قەدىمىي بېيجىڭدىكى خان سارىيى، خانلىق باغ، خانلىق بۇتخانا، يامۇل قاتارلىقلاردىن باشقا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار ئاشۇ سانسىزلىغان پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى.

بېيجىڭنىڭ سىخېيۈەنلىرىگە ئىشلەتكەن ماتېرىياللار بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، پولات ۋە سېمونت ماتېرىياللار بولماستىن، بەلكى، ئادەتتىكى كۆك كۈل رەڭ كاھىش، خىش ۋە ياغاچ ماتېرىياللار ئارلاشتۇرۇپ سېلىنغان. ئەلۋەتتە، ئۇ ياغاچ قۇرۇلمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قەدىمدىكى ئەمگەكچى خەلق ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت جەريانىدا توپلىغان بىر يۈرۈش مۇكەممەل ياغاچ قۇرۇلمىلىق ياساش ھۈنەر- سەنئىتىدىن ئىبارەت. ئۆينىڭ جازىسىنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ھۈنەرۋەنلەر ئالاھىدە ئۇسۇل ئارقىلىق ھەر قايسى بۆلەكلىرىنى بىر- بىرىگە پۇختا بىرلەشتۈرگەن. بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئەگىمەچ، ئۇچلۇق، چاسا قاتارلىق شەكىللەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇلار ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇشنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بېيجىڭ سىخېيۈەن گەرچە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشلىرى بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدىن ئىبارەت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى