قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  دېجۇنىڭ دۈملىمە توخۇسى

2018-05-16 17:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دېجۇ دۈملىمە توخۇسى دېجۇ خۇشپۇراق دۈملىمە توخوسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دېجۇنىڭ ئۈچ داڭلىق يىمەكلىكىنىڭ بىرى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا، دېجۇ دۈملىمە توخۇسى، سوغا سۈپىتىدە ئوردىغان يەتكۈزۈلگەن. 2014- يىلى دېجۇ دۈملىمە توخۇسى پۇشۇرۇش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. دېجۇ دۈملىمە توخۇسى مەملىكىتىمىز ئىچىدە داڭلىق بولۇپلا قالماي، چەت ئەللەرگىمۇ سېتىلىدىغان بولۇپ، «جاھاندىكى بىرىنچى توخو» دېگەن نامى بار. دۈملىمە توخۇنىڭ ئۆزگىچە پۇشۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، دۈملەپ پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى مېزىلىك، تەمى ئۆزگىچە تاتلىق، شەكىل جەھەتتە توخۇنىڭ ئىككى پۇتى تۈگۈپ قويۇلىدۇ، بىر جۈپ قانىتىنى بوينىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېغىزىغا گىرەلەشتۈرۈپ قويىدۇ، پىششىپ چىققان توخونىڭ رەڭگى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى