قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لىنيى يارما شورپىسى

2018-05-16 17:43:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى شوۋاگۈرۈچ بولۇپ، لىنيىنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق يىمەكلىكى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى خۇيزۇلارنىڭ بىر خىل ئەتىگەنلىك تامىقى بولۇپ، دەسلەپتە يۈەن سۇلالىسى خانبالىقتىكى بىر جۈپ خۇيزۇ ئەر-ئايال لىنيىغا كېلىپ بۇنىڭ تىجارىتىنى قىلغان، ئەينى چاغدا بۇنى شوۋاگۈرۈچ دەپ ئاتايتتى. 2013- يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. لىنيى يارما شورپىسىنى ئېتىشتە، ئالدى بىلەن قوي ۋە كالا سۆڭىكىنى قاينىتىپ شورپا قىلغاندىن كېيىن، گۆش ئۇششاق توغرىلىدۇ، ئاندىن قاچىغا بىر دانە تۇخۇم چېقىلىپ، ئۈستىگە قوي گۆشى شورپىسى ياكى كالا گۆشى شورپىسى قۇيىلىدۇ، ئاخىردا گۆش سېلىنىدۇ. لىنيى رايونىدا يارما شورپىسى ئىچىشتە «ئىسسىق، ئاچچىق، تەملىك، چوڭ» قاتارلىق تۆت چوڭ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، قويۇق ھەم ئىسسىق يارما شورپىسى بىلەن ئاسما كاۋاپنى بىرلەشتۈرۈپ يىسە ھەقىقىي تەملىك بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى