قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنىڭ تاتلىق تەبەسسۇملىرىغا يوشۇرۇنغان ياخشى ئوقۇتقۇچى ۋە يېڭى ئۆيى

2018-05-15 12:17:48     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

كونا شەھەر ناھىيە توققۇزاق بازار مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە ئابدۇرېھىم تاتلىق كۈلۈمسىرىمەكتە


تەڭرىتاغ تورى، مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ليۇ يىمىڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ئالىيە تۇرغۇن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئامىنىخان ئەخمەت خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشكە يەنە بىر ئاي ۋاقىت قالدى، كونا شەھەر ناھىيە توققۇزاق بازار مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلمىرە ئابدۇرېھىم تەققەزالىق بىلەن يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرماقتا. «مېنىڭ يېڭى ئۆيۈمگە تېزراق كۆچۈپ بارغۇم كېلىۋاتىدۇ» دېدى ئۇ.
ئۇنىڭ ئەڭ خۇشال بولغىنى، ئەمدى ئۇ يېرىم كېچىدە ھاجەتكە چىقماقچى بولغاندا ئاپىسىنى ئويغاتمىسىمۇ بولىدۇ. «ئاپام بەك جاپاكەش، مەن ئۇنى كەچتە بولسىمۇ ياخشى ئارام ئېلىۋالسىكەن دەيمەن» دېدى بۇ ئوماق قىز خۇشال ھالدا.
گۈلمىرەنىڭ يەنە ئىككى ئاكىسى بولۇپ، چوڭ ئاكىسى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئىككىنچى ئاكىسى ئۆزى بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
«يېڭى ئۆيۈم بار بولدى»
گۈلمىرەنىڭ دادىسى گۈلمىرە كىچىك ۋاقتىدىلا قازا قىلغان ئىدى، ئاپىسى مېھرىگۈل مامۇت قايتا تۇرمۇشلۇق بولماي، ئۈچ بالىسى بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ئۈچ بالىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ھەل قىلىندى، مېھرىگۈلمۇ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى بولدى.
گۈلمىرە ۋە ئۇنىڭ ئاكىلىرىنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز بولۇپ، مەكتەپ يەنە چۈشلۈك تاماقنىمۇ كۆتۈرەتتى، تاماق شۇنداق ئوخشايتتى.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بولغاچقا، مەن ئۈچ بالام بىلەن شۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن» دېدى مېھرىگۈل.
گۈلمىرەنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇلتۇر 9-ئايدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ئىلتىماس قىلدى، ئۆي ۋە ھويلا-ئاراننى قوشقاندا جەمئىي 200 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ھازىر يېڭى ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئورنىتىۋاتاتتى.
گۈلمىرە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلاتتى، ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە تەۋە شەرەپ تاملىرىنىڭ بولۇشىنى، مەكتەپتە ئېرىشكەن تەقدىرنامىلەرنى تاملىرىغا چاپلاشنى ئارزۇ قىلاتتى.
«ئالدىنقى مەۋسۇمدە مەن ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالاندىم، مەن تەقدىرنامىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە بارغىنىمدا ئاپام بەك خۇش بولۇپ كەتتى، ئاپامنىڭ دائىم مۇشۇنداق خۇشال يۈرۈشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن، مۇئەللىمىم 5-ئاينىڭ 8-كۈنىنى دۇنيا تەبەسسۇم كۈنى، دېدى، مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئاپامنىڭ خۇشال كۈلگىنىنى كۆرۈش» دېدى گۈلمىرە.
گۈلمىرەنىڭ ئاكىسى تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقتى، ئادەتتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇپ، شەنبە-يەكشەنبە ئۆيقىگە قايتىدۇ. ئاكىسى ئۆيىگە قايتقاندا ئۆيدىكى ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى بىرەر قۇر رېمونت قىلىپ، ئوڭشايدىغىنىنى ئوڭشاپ قويىدۇ، ھويلا-ئارانلارنى رەتلەپ، تازىلايدۇ. گۈلمىرە ۋە ئاكىلىرى مېھرىگۈلنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولىدۇ. ھەركۈنى تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولغىنىدا گۈلمىرە ئاپىسىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ قويىدۇ، ئىككىنچى ئاكىسى ئاپىسىىنڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويىدۇ.
ئاپىسى، ئاكىلىرىنىڭ ئامراقلىقى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەمخورلۇقى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى تاغا، ھەدىلەرنىڭ مۇھەببەتلىرى بىلەن گۈلمىرەنىڭ ئوماق چېھرىدىن دائىم سەبىي كۈلكە كەتمەيدۇ. «مەن ئويلىشىپ بولدۇم، چوڭ بولسام دوختۇر بولىمەن، چۈنكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىكەن، ئۆزۈممۇ خۇش بولىمەن» دېدى گۈلمىرە.

يۈسۈپ نۇرمەمەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى قەدىرىيە ھەبىبۇللا رەسىمگە چۈشمەكتە

«كىچىك قوڭغۇراق» گەپ قىلدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبى ئىللىدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىسى قەدىرىيە ھەبىبۇللا 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ بازىرىدىكى ھويلا كەنتى يەسلىسىدە بالىلارغا دۇنيا تەبەسسۇم كۈنىگە ئاز قالغىنىنى ئېيتىپ بېرىپ، بالىلاردىن ئەتراپىدا قانداق خۇشال ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى.
ئوتتۇرا سىنىپتىكى يۈسۈپ نۇرمەمەت بىرىنچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك قىلىپ «مەن ئاكا بولىدىغان بولدۇم، بۇ مېنى خۇش قىلىدىغان ئىش» دېدى. ئۇنىڭ ئاپىسى ھامىلدار بولغان بولۇپ، يۈسۈپجان ئىنىسىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغانىدى.
ئىككى يىل بۇرۇن، يۈسۈپجان ئىنتايىن ئاز گەپ قىلاتتى، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىمايتى. يەسلىگە كىرگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ قەدىرىيە مۇئەللىمىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقتەك، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولمىغانىدى. قەدىرىيە نەگە بارسا، ئۇمۇ شۇ يەرگە باراتتى، قەدرىيە نۇرغۇن كىتابلارنى ئاختۇرۇپ، بىرھەرپ-بىر ھەرپتىن ئېرىنمەي، زېرىكمەي يۈسۈپجانغا گەپ قىلىشنى ئۆگەتتى.
قەدىرىيە يەنە نۇرغۇن قېتىم يۈسۈپجاننىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە باردى، ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا يۈسۈپجاننىڭ ئۆگىنىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلاپ تۇردى.
ئىككى يىلدىن كېيىن، يۈسۈپجان بارغانسېرى كىشىلەرگە يېقىنلىشىدىغان بولدى، سوئاللارغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان بولدى، ساۋاقداشلىرى بىلەن ياخشى ئوينايدىغان بولدى.
ئالدىنقى ھەپتە، يۈسۈپجاننىڭ كەمسۆز دادىسى قەدرىيەنى ئۆي تامىقى يەپ كېتىشكە چاقىردى. ئۇ: «مۇئەللىم، سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈۋالاي، سىز كەلگەندىن كېيىن بالامدا ئۆزگىرىش بولۇپ، مىجەزى ئوچۇق، شوخ، كۈلگۈنچەك بالىغا ئايلاندى » دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى