قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش

2018-05-15 14:43:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش
ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش
مۇخبىرلىرىمىز خەن لياڭ، تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى

خىزمەت ئەترىتى تەكلىپ قىلغان ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى كەنت ئاھالىلىرىگە بۇغداي پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ سالغان، كۆلىمى 176 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سەككىز دۇكاندا رەسمىي تىجارەت باشلاندى. بۇ دۇكانلار ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى، تاللا بازار، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دۇكىنى، كىيىم- كېچەك دۇكىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىدە بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر تىجارەت قىلىدۇ. 

 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىنى ئاچقان خانقىز قاۋۇل مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى مېنى كەنتتىن چىقمايلا پۇل تاپىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۈردى. تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىمەن. خانقىز قاۋۇلنىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ جان بولۇپ، تۆت مو يەرنىڭ كىرىمىگىلا قاراشلىق بولغاچقا، ئائىلىسى نامرات ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە خانقىز قاۋۇل ناھىيە بازىرىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا كۇرسىغا قاتنىشىپ، كەنتىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى ئېچىپ، ۋاكالىتەن تېز يوللانما قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش كەسپى، يەنە تۈرلۈك ماللار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى كامىل. 

 خىزمەت ئەترىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار كەنت ئاھالىلىرىنى ناھىيەگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپلا قالماستىن، يەنە كەنت ئاھالە كومىتېتىدا دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ئېچىپ، سىياسەت، قانۇن، بەلگىلىمە، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، يېزىلاردا ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەخسۇس تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، ھازىرغىچە جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق ئادەم(قېتىم) تەربىيەلىدى.  خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۆز ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ غەملەپ، 21 كىلومېتىر يېزا- كەنت يولى ياسىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. كەنت ئاھالىسى قۇربان ئوسمان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتىمىزدىكى يوللار ناچار ئىدى، يامغۇر ياغسىلا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، سىرتقا چىقىشىمىز بەك ئەپسىز ئىدى، ھازىر تۈپتۈز ئاسفالت يول ياسالغاچقا، ئىنتايىن قولايلاشتى. 

 بۇ كۈنلەردە نامرات دېھقان نۇرخان سەيدى ئىنتايىن خۇشال ئىدى، سەۋەبى خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر ئۇنىڭغا تارقىتىپ بەرگەن نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەشى تۆتنى قوزىلىغانىدى. نۇرخان سەيدى مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر توققۇز قويۇم، بىر ئېشىكىم بار، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچتۈم، ئون مو يەردە كېۋىزىم بار، ئائىلىمىزدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يۇقىرى تىگىن كەنتىدە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 99 نامرات ئائىلە ئىچىدىكى 43 ئائىلىگە نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى، 56 ئائىلىگە نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىپ بەردى، بۇ يۆلەش تۈرلىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 2017- يىلى كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان، يۇقىرى تىگىن كەنتىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۈزلۈكسىز يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى. خىزمەت ئەترىتى قىلغان ھەربىر ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش ئەلرايىنى ئۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىرغا قەدەر يۇقىرى تىگىن كەنتىدىكى 48 مۇنەۋۋەر ياش كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بەش ياش كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدى.  

3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئېچىلغان 2017- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش- تەقدىرلەش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەقدىرلىنىپ، تۆت يولداش «مۇنەۋۋەر خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى» بولۇپ باھالاندى.  شەرەپ − رىغبەتلەندۈرۈش ھەم ھەيدەكچىلىكتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ياڭ جۇڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەت پىلانى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «ھەمراھ زاۋۇت» يۇقىرى تىگىن كەنتىدە قۇرۇلۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان خادىملار تىزىملىنىپ رويخەتكە ئېلىندى، سودىگەر چاقىرىش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن زاۋۇتنى كەنتتە قۇرماقچى بولغانلىقىمىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق بېيىتىش، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى كۆپ مەنبەلىك يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. خىزمەت ئەترىتىمىز بۇ جايدا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى پۇختا قىلىپ، يۇرتداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. 

 


يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدىكى ئاھالىلەر 4- ئاينىڭ 14- كۈنى خىزمەت ئەترىتى كەنتتە سالدۇرۇپ بەرگەن دۇكانلاردا تىجارەت

باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىماقتا 

خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىگەن پىدائىيلار 4- ئاينىڭ 15- كۈنى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشىغا ياردەملەشمەكتە

خانقىز قاۋۇل(ئوتتۇرىدا) 4- ئاينىڭ 14- كۈنى توردا زاكاز قوبۇل قىلماقتا

كەنت ئاھالىلىرى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى خىزمەت ئەترىتى ئۇيۇشتۇرغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئارقان تارتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا

خىزمەت ئەترىتى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە نامراتلارنى يۆلەش قويىنى بېقىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە

خىزمەت ئەترىتى ئالاقىلەشكەن قۇرۇلۇش خادىملىرى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى يۇقىرى تىگىن كەنتىنىڭ يېزا يولىنى ياسىماقتا

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى