قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  شامالنىڭ قەدىمكى زامانلاردا ئىشلىتىلىشى:

2018-05-16 19:00:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىلادىدىن بۇرۇن، جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى زاماندا ياشىغان ئەمگەكچى خەلقى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۇ چىقارغان، ئۇن تارتقان ۋە يەر سۇغارغان، كېمە يەلكىنىدىن پايدىلىنىپ كېمىنى ماڭغۇزغان. 14- ئەسىردە ياۋرۇپادا چاقپەلەك كەم بولسا بولمايدىغان مېخانىزىمغا ئايلانغان.
  شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش مەيدانى:
  شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش مەيدانى شامال كۈچى زور بولغان جايلارغا قۇرۇلىدۇ. مەيدانغا شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىدىغان نۇرغۇن گېنراتورلار ئورنىتىلىدۇ. ھەر بىر گېنراتوردا 2- 4 گىچە قانات بولۇپ، ئۇ خۇددى ئايروپىلاننىڭ پىرقىرىغۇچىغا ئوخشايدۇ. ئۇ شامالدا ئايلانغاندا، ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان گېنراتور توك چىقىرىدۇ.
  شامال يۆنىلىشى بويىچە كېمىدە يۈرۈش:
  يەلكەنلىك كېمە قەدىمكى زاماندىكى مۇھىم قاتناش قورالى بولۇپ، ئۇ ھازىر ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلمەكتە. يەلكەنلىك كېمىدىكى يەلكەن شامال ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق كېمىنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان قۇرۇلما. يەلكەنلىك كېمىنى ھەيدىگەندە شامال يۆنىلىشى بويىچە يەلكەننىڭ ئورنىنى تەڭشەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
  شامال كۈچى:
  لەگلەكنىڭ ئاسمانغا چىقالىشى، چاقپىلەكنىڭ ئايلىنىشى شامال كۈچىدىن بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا نۇرغۇن ئېنېرگىيەلەر بولىدۇ، شامال ئېنېرگىيەسى بولسا شۇلارنىڭ بىر خىلى.
  شامال ئېنېرگىيىسى پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر.
  كۆمۈر ۋە نېفىتنى كۆيدۈرگەندە مۇھىتنى بۇلغايدىغان گاز پەيدا بولىدۇ. شامال ئېنېرگىيىسى بىر خىل پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ، ئۇنى ئىشلەتكەندە مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ ھەمدە مەڭگۈ تۈگەپ كەتمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى