قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش مەزگىلىدە قانداق ئوزۇقلىنىش كېرەك؟

2018-05-23 11:53:58     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 گۇاڭجۇ تېببىي داشۆسى 3-دوختۇرخانىسى كىلىنىكا ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ دوكتورى ليۇ جيا مۇنداق دەيدۇ: تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە بالا ئىمىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا موھتاج، شۇڭا ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم. دوكتۇر ليۇ جيا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەش پرىنسىپنى ئېيتىپ ئۆتتى.
   تال ۋە ئاشقازاننى ئاسراپ، سۇيۇق-سەلەڭ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ، قارىغۇلارچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىماسلىق. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تال، ئاشقازان ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، بولۇپمۇ يەڭگىگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى ئون نەچچە كۈندە تېخىمۇ ئاسراشقا موھتاج. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا زىيادە مايلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قارىغۇلارچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندا، ئەكسىچە ھەزىم قىلىش ناچارلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان ھەم تال ۋە ئاشقازانغا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش، شورپا، ئۇماچنى كۆپرەك ئىچىش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك (كۈنىگە 6~5 ۋاخ غىزالىنىش).
   تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللار بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ھەمدە قان تولۇقلاشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەندە، مۇۋاپىق مىقداردا قاننى جانلاندۇرۇپ قاننى راۋانلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك.
   سۈت كەلتۈرۈش ۋە ئىمىتىش ئىھتىياجىنى ئويلىشىش. تۇغۇتلۇق ئاياللار قان تولۇقلايدىغان، ئانا  سۈتىنى كۆپەيتىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشى ۋە ئوخشىمىغان باسقۇچتا سۈت كېلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.
  تۇغۇت مەزگىلىدە پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. مەسىلەن، تەبىئىتى بەك  ئىسسىق، قۇرغاق، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەر تال ۋە ئاشقازاننى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللار تۇغۇت مەزگىلىدە پاكىز بولمىغان، زىيادە سەزگۈرلۈكنى قوزغايدىغان ياكى ئالاھىدە تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك.
  بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىگە ئاساسەن يېمەكلىكنى تەڭشەش. بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى  ئاجىزلاشسا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولسا بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئانا پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بوۋاقنىڭ تەرىتى سېرىق رەڭدە سۇيۇق كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى توختىتىشى كېرەك. ئەگەر بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتىدە كۆپۈك كۆپ بولسا ھەم پۇرىقى قاڭسىق بولسا ئانىنىڭ تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئانا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. بوۋاق يېتەرلىك غىزالانمىغاندا چوڭ تەرىتى يېشىل، مىقدارى ئاز ئەمما قېتىم سانى كۆپ كېلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى