قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپونىيەلىك قىز ئۆيىنى «باربى» دۇنياسىغا ئۆزگەرتتى

2018-05-23 12:08:33     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەلىك قىز ئازۇسۇ باربى قونچاق مەستانىسى ئىكەن، باربى قونچاقنى زىيادە ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۇ 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 510 مىڭ يۈەن) سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى باربى بۇيۇملىرىغا تولغان ھال رەڭلىك دۇنياغا ئۆزگەرتكەن. ئاسۇزۇنىڭ ئارزۇسىدىكى بۇ ئۆيدە ئاسۇزۇ يىغىپ ساقلىغان باربى قونچاقتىن 222 سى بولۇپلا قالماي، يەنە باربى قونچاقنىڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىمۇ بار ئىكەن، مەسىلەن كۆڭلەك، ياستۇق، ئىستاكان قاتارلىقلار.
  ئاسۇزۇ باربى قونچاق ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلىغاندىن سىرت، تۇرمۇشىدا يەنە باربى قونچاقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى دورايدىكەن. كېيىنىشتە ئاسۇزۇ باربى قونچاققا ئوخشاش ھال رەڭلىك كۆڭلەكلەرنى كىيىدىكەن، ھەتتا چېچىنىمۇ ھال رەڭدە بويىۋالىدىكەن. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەندە باربى يازلىق مايكىسىدىن 100دىن ئارتۇقى بار، بەزىدە توردا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان باربى كىيىملىرىنى ئۆزۈم تىكىپ كىيىمەن» دېگەن.
  ئاسازۇ ھەتتا ھال رەڭلىك تاماقلارنى ئېتىدىكەن، ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق باربى قونچاققا بولغان مۇھەببىتىنى بىلدۈرىدىكەن. قەغەز ئىستاكانلىق تورت ياسىغاندا تورت ئۈستىگە ھال رەڭلىك پارقىراق تالقان چاچىدىكەن، ياكى قەھۋە ئىچىگە ھال رەڭلىك يېمەكلىك خۇرۇچى سالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھال رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى مەندە ناھايىتى ئوماق باربى تەخسىسى بار، بۇ مېنىڭ ئىجادچانلىقىمنى قوزغايدۇ».
  گەرچە ئاسۇزۇ باربى قونچاقلارنى بەكمۇ ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي باربى قونچاققا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىكەن، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى باربى قونچاققا ئوخشىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن، باربى قونچاقلاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈشۈم پەقەت تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلىش ئۈچۈن خالاس، يەنە كېلىپ باربى قونچاقلىرى ماڭا قىزلاردەك نازىنىنلىقنى ئۆگەتتى، كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋايىم پەلەك، پەقەت ئۆزۈم ياخشى كۆرسەملا بولدى».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى