قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپونىيەدىكى «كىتتىي مۈشۈك» ئوق پويىزىنىڭ لايىھەسى ئاشكارىلاندى

2018-05-29 16:53:21     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، يېقىندا غەربىي ياپونىيە تۆمۈريولى شىركىتى (JR غەربىي ياپونىيە) پاراۋۇز قېپىغا ياپونىيەنىڭ ئوبرازلىق پېرسوناژ ماركىلىرىنى تارقىتىش كارخانىسى بولغان سانىرو شىركىتىنىڭ «كىتتىي مۈشۈك» ( Hello Kitty)ى سىزىلغان 500 قاتناش سىستېمىسىدىكى ئوق پويىزلارنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ 500 سىستېمىدىكى «كوداما» ناملىق ئوق پويىز سەككىز ۋاگوندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر كۈنى ئوساكادىن خاكاتاغىچە بولغان بۆلەكتە بىر قېتىم بېرىپ كېلىدىكەن. ئەمما قاتناش باشلىنىدىغان ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
غەربىي ياپونىيە تۆمۈريول شىركىتى ۋاگون ئىچىنىڭ لايىھەسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىرىنچى ۋاگوننى غەربىي ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى نامايان قىلىدىغان بوشلۇق قىلىپ لايىھەلىگەن. كىتتىي مۈشۈك «ساياھەت يېتەكچىسى» ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساياھەتچىلەرگە غەربىي ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن. ئىككىنچى نومۇرلۇق ۋاگونغا ئەركىن ئورۇندۇق تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تاملار كىتتىي مۈشۈكنىڭ يۈزى ۋە بانتىكى بىلەن بېزىلىدىكەن، يولۇچىلار كىتتىي مۈشۈكىنى قۇچاقلاپ سۈرەتكە چۈشسە بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، باشقا ۋاگونلارمۇ «كىتتىي مۈشۈك»نىڭ سۈرىتى بىلەن بېزەلگەن، ھەتتا پويىز ئىچىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ خاس نۇسخا قىلىپ بېكىتىلگەن.
ياپونىيەنىڭ خاكاتا بېكىتىدە، «كىتتىي مۈشۈك» باش تېمىسىدىكى ئوق پويىز قەھۋەخانىسىمۇ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت باشلايدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى