قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئات بىلەن پاراڭلىشىپ بېسىم يېنىكلىتىش

2018-05-29 16:57:43     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

 سىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىسىز؟ مال سېتىۋېلىش ئارقىلىقمۇ، ياكى ساياھەت ئارقىلىقمۇ؟ ئىسپانىيەنىڭ دىگۇئادالىكس تاغلىق رايونىدا ئارگېنتىنالىق ئات تىلىنى بىلگۈچى فېرناندو نوئالىس ئات ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، بېسىمىنى تۆۋەنلەتكەن.
  نوئالىس بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پاتاگونىيەدە دالىدا ئاتلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان. كېيىن ئۇ كەيپىيات داۋالاش دوختۇرىغا ئايلىنىپ، ئات ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەشكە موھتاج كىشىلەرنى ئالاقىدار دەرس بىلەن تەمىنلىگەن. دەرسكە قاتناشقان كىشىلەر ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئات بىلەن ئۇچرىشىپ، ھايۋانات ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى چۈشەنگەن. بىر سائەت دەرس ئەڭ كۆپ بولغاندا 120 ياۋرو (تەخمىنەن 893 يۈەن) بولغان.
  نوئالىسنىڭ بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدا ئاتنىڭ كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆزىتىپ، كۇرسانتلارغا كەيپىياتنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ۋە كونترول قىلىشنى ئۆگىتىش مەقسەت قىلىنغان. نوئالىس: «ئات خۇددى بىر ئەينەكە ئوخشايدۇ، ئۇلار توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان، تۇغۇلۇشىدىنلا ئات توپى ئىچىدە بولىدۇ».
  لورىتو گاسىئا ئىككى يىلدىن بۇيان نوئالىسنىڭ دەرسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بېسىمگە تاقابىل تۇرالايدىغان بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «فېرناندو ئاتنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىشنى بېلىدۇ، ئۇ مېنىڭ دىققىتىمنى يىغقان-يىغالمىغانلىقىمنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئۇ ئات ئارقىلىق يېتەكلەپ، كېلەركى قېتىملىق دەرستە ماڭا قانداق ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى بېكىتىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى