قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«چوڭ چىشلىق ئاكۇلا» ناملىق كىنونىڭ يېڭى تەشۋىقات سۈرىتى ئاشكارىلاندى

2018-05-29 16:59:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«دۆلەت خەزىنىسى» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى جون تۇرتېلتاب رېژىسسورلۇق قىلغان، جاسون سىتاسام، لى بىڭبىڭ، رائىن ۋىلسون، رۇبى روسې، جاۋ ۋىنشۈەن، سەي شۇيا قاتارلىقلار ئورتاق رول ئالغان ھەرىكەتلىك، فانتازىيەلىك فىلىم «چوڭ چىشلىق ئاكۇلا» 8-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈن يەر شارىدا بىر ۋاقىتتا تەڭ قويۇلىدىكەن. يېقىندا فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ «دەرىجىدىن تاشقىرى دېڭىز زومىگىرى» نۇسخىسىدىكى تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، تارىختىن ئىلگىرىكى دېڭىز-ئوكيان ھۆكۈمرانى چوڭ چىشلىق ئاكۇلانىڭ گەرچە پەقەت دۈمبە ئۈزگۈچىسى ئېكراندا ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاسماننى قاپلاپ، كۈن نۇرىنى توسۇۋالغان، ئادەملەر مۇشۇنداق غايەت زور سېلىشتۇرما ئاستىدا كۆزگە چىلىقماس ھالەتتە كىچىكلەپ كەتكەن.
  ئېلان قىلىنغان تەشۋىقات سۈرىتىدە چوڭ چىشلىق ئاكۇلا دېڭىزدا تېز سۈرئەتتە ئۈزۈپ غايەت زور دولقۇنلارنى پەيدا قىلغان، گەرچە پۈتۈنلەي دېڭىز يۈزىگە چىقىپ ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دۈمبە ئۈزگۈچىسى يەنىلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. ئەمما چوڭ چىشلىق ئاكۇلا ئالدىدا بىر ئالتۇن چاچلىق قىز بەخىرامان دولقۇن تىيلىپ خەۋپنىڭ ئۆزىگە قاراپ يېقىنلاۋاتقانلىقىنى سەزمىگەن.
  «چوڭ چىشلىق ئاكۇلا» ناملىق فىلىمدە تارىختىن ئىلگىرىكى غايەت زور ھايۋان چوڭ چىشلىق ئاكۇلانىڭ چوڭقۇر دېڭىزدىن قېچىپ چىقىپ، ئادەملەرنى چوڭ كۆلەمدە ئۆلتۈرگەنلىكى، بۇ بالايىئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، سابىق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئارمىيەسى چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈش مۇتەخەسسىسى جوناس تايلور جۇڭگولۇق ئايال ئالىم جاڭ سۇيىن بىلەن بىرلىشىپ، چوڭ چىشلىق ئاكۇلا بىلەن بىر مەيدان جەڭ قىلغانلىقى سۆزلەنگەن.
  ھازىرقى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ چىشلىق ئاكۇلانىڭ بەدەن ئۇزۇنلىقى 20 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 70 توننا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەر شارى تارىخىدا بايقالغان چىشلەش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك جانلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن، ئەڭ چوڭ چىشلەش كۈچىنىڭ 20 توننا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، چىشلەش كۈچى ھەتتا تىراننوزاۋردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، «چوڭ چىشلىق ئاكۇلا» فىلىمىدە دېڭىز-ئوكياندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوۋلىغۇچى چوڭ چىشلىق ئاكۇلا چىققاندىن سىرت، يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى نامايان بولۇپ، ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، ئاجايىپ تەسەۋۋۇردىكى «دېڭىز ئاستى يۇرا دەۋرى» كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىل بولىدىكەن.
  «چوڭ چىشلىق ئاكۇلا» ئامېرىكىلىق يازغۇچى ستىۋ ئالتېننىڭ شۇ نامدىكى يۈرۈشلۈك فانتازىيەلىك رومانىدىن ئۆزگەرتىلگەن، بۇ ئەسەرنى ئۆزگەرتكەندە رېژىسسور جون تۇرتېلتاب نۇرغۇن تەرەپلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئاپتور ۋە كىتاب مەستانىلىرىنىڭ تەسىراتى ۋە قارىشىغا ھۆرمەت قىلدۇق، بۇ ھېكايىنىڭ جەۋھىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىز ئاپتور بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردۇق». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جون تۇرتېلتابنىڭ قارىشىچە، ئەسەرنى سىنارىيەلەشتۈرگەندە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا قەتئىي بولمايدىكەن. چوقۇم قايتا سەنئەتلەشتۈرۈپ، پىششىقلاپ ئىشلەش كېرەك ئىكەن. رېژىسسورلار بۇ فىلىمدە كۆپلىگەن كىنو ئېلېمېنتلىرىنى ئىشلىتىپ، كىنو سەنئىتى ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە يېتىشكە تىرىشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى