قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەقىلسىز قىز

2018-05-29 19:30:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىزى خىزمەتكە چىقىپ، توي ئىشلىرىنى ئويلىشىدىغان مەزگىلدە، ئاپىسى قىزى بىلەن مۇڭدىشىپ قاپتۇ:
 -قىزىم توي دىگەن ئۆمۈرلۈك ئىش، قاتتىق ئويلىشىپ قىلىش كېرەك، قارا داداڭغا تىلىۋىزور بۇزۇلسا، ھايتلا قىلىپ رېمونت قىلىۋىتىدۇ ،سۇ تۇربا يولى بۇزۇلسا، شارت- شۇرت قىلىپ پاياتلاپ ئوڭشىۋىتىدۇ. دەزمال بۇزۇلۇپ قالسا، تاڭ تۇڭلا قىلىپ ساقايتىدۇ، دېرىزىلەر چېقىلىپ كەتسە ۋاش ۋاش قىلىپ يېڭنى زاماسكىلاپ قويىدۇ، ھەتتا كىيىم كىچەكلەر، ئاياقلار يىرتىلىپ كەتسە، ئۆزىلا تىكىپ، يامايدۇ، شۇڭا……
 -بىلدىم ئاپا، مەنمۇ دادامدەك قولىدىن ھەممە ئىش كىلىدىغان ئەردىن بىرنى تاپىمەن.
 -ماڭە ئەقىلسىز، داداڭدەك ئەرگە تەگسەڭ، بىر ئۆمۈر ھېچقانداق نەرسىنىڭ يېڭىسىنى ئىشلىتەلمەي، يېڭى كىيىم كىيەلمەي ئۆتىسەن……ساراڭ بولما.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى