قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-05-30 22:08:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھەقسىزدۇر،  شۇنى ھېس قىلدىمكى، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھامان ھەقسىز بولىدىكەن.
قۇياش نۇرى ھەقسىزدۇر. بارلىق جانلىقلار قۇياش نۇرىدىن ئايرىلسا ياشىيالمايدۇ، ھالبۇكى چوڭ بولغۇچە كىممۇ ئۆزى بەھرلەنگەن قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلىگەن دەيسىز؟ سېخى قۇياش نۇرى ھەيۋەتلىك داچىلارنى يورۇتۇش بىلەن بىرگە، دېھقاننىڭ كىچىك قوروسىنىمۇ ئوخشاشلا يورىتىدۇ؛ زەردارغا نۇرىنى چاچقاندا، تىلەمچىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ ياشانغانلارغا ئۆز نۇرىنى چاچىدۇ، بالىلارغىمۇ ئوخشاش…
ھاۋا ھەقسىزدۇر. ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن ھاۋادىن بىردەممۇ ئايرىلالمايدۇ؛ لېكىن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، كىممۇ ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان بۇ نەرسە ئۈچۈن ھەق تۆلىگەن دەيسىز؟ مەيلى يايمىچى بولسۇن ياكى چولپان بولسۇن، ئوخشاشلا زېمىن قوينىدا نەپەسلىنىدۇ.
مېھىر- مۇھەببەت ھەقسىزدۇر. ھەر بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ئاتا- ئانىسىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىدىن بەھرلىنىدۇ، بۇ خىل مېھىر- مۇھەببەت قان- تومۇرلارغىچە ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ مىننەت- تاماسىزدۇر. لېكىن ھەر قانداق بىر ئاتا- ئانا ئۆز پەرزەنتىگە «ماڭا پۇل بەرسەڭ، ساڭا مېھىر بېرىمەن» دېگەن ئەمەس. ئاتا- ئانىلاردا بولىدىغان بۇ خىل مۇھەببەت بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆز قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، ئۆزلىرى ياشىنىپ قالغاندىمۇ ئاجىزلاپ قالمايدۇ؛ ئاتا- ئانىلار ھاياتلا بولىدىكەن، بۇ خىل مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.
دوستلۇق مېھىرى ھەقسىزدۇر. يالغۇز قالغاندا سىزگە ھەمراھ بولغان، يىقىلغاندا سىزگە قولىنى سۇنغان، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا سىزنى باغرىغا باسقان كىشى سىزگە يەتكۈزگەن دوستلۇق مېھىرىنى پۇلغا سۇندۇرۇپ، سىزدىن ھەق تەلەپ قىلغانمۇ؟
مۇھەببەت ھەقسىزدۇر. ئىختىيارسىز كۆڭلى چۈشۈپ قېلىش، سەۋدايىلارچە سېغىنىش، ئېغىر كۈنلەردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت، ھەمدەمدە بولۇشتەك سەمىمىيلىك، ھاياتلىقتىكى ئەڭ چۇڭقۇر تەسەللىي ۋە مۇستەھكەم تايانچلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىزدۇر. ئۇلارنى پۇلغا سېتىۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى