قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق

2018-05-31 18:09:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. قار توختىماي ياغماقتا. زۇلمەتلىك تۈن پەردىسى چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسى-يېڭى يىل ھارپىسى ئىدى. مۇشۇنداق سوغۇق ھەم قاراڭغۇ كېچىدە يالاڭباشتاق، يالىڭاياق بىر نامرات قىزچاق كوچىدا كېتىۋاتاتتى. ھە، راست! ئۇ ئۆيىدىن چىققان چېغىدا پۇتىغا ساپما كەش سېپىۋالغان ئىدى. بىراق، بۇ نېمىگە دال بولسۇن؟ بۇ كەش قىزچاققا بەك چوڭ كەپ قالغان بولۇپ، ئىلگىرى ئاپىسىنىڭ كەشى ئىدى. ئۇ كوچىدىن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چاغدا، ئىككى ئات ھارۋىسى ئۇچقاندەك كېلىپ قالدى. قىزچاق قورققىنىدىن يۈگرىۋىدى كەش چۈشۈپ قالدى. ئۇ كەشنىڭ بىر پېيىنى ھېچنەدىن تاپالمىدى، يەنە بىر پېيىنى بولسا بىر ئوغۇل بالا تېپىۋېلىپ ئېلىپ قاچتى. بۇ ئوغۇل بالا تېخى: كېلەچەكتە بالام بولۇپ قالسا، بۇ كەشنى بۆشۈك ئورنىدا ئىشلىتىمەن، دېدى.
ئەمدى قىزچاققا يالىڭاياق مېڭىشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى سوغاقتا توڭلاپ قىزىرىپ، كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ كونىراپ كەتكەن پەرتۇقىغا بىر مۇنچە سەرەڭگە سېلىنغان، قولىدىمۇ بىر تۇتام سەرەڭگە بار ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىدىن- كەچكىچە ئۇنىڭدىن ھېچكىم بىر تالمۇ سەرەڭگە سېتىۋالمىدى. ئۇنىڭغا ھېچكىم بىر يارماقمۇ پۇل بەرمىدى.
بىچارە قىزچاق! ئاچ قورساق ھەم توڭلاپ كەتكەن قىزچاق تىترىگىنىچە ئالغا قاراپ مېڭىۋەردى. بۇ راستىنلا ئېچىنىشلىق بىر كۆرۈنۈش ئىدى. قار ئۇچقۇنلىرى ئۇنىڭ ئالتۇندەك ساپسېرىق، ئۇزۇن بۈدرە چاچلىرىغا چۈشمەكتە. بۇ بۈدرە چاچلار ئۇنىڭ مۈرىسىگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئۇنىڭغا تېخىمۇ گۈزەللىك بېغىشلايتتى. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئېسىگىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ھەممە دېرىزىدىن نۇر چاقناپ تۇرسا، كوچىلاردا مېزىلىك غاۋ كاۋىپى پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. چۈنكى، بۈگۈن ھارپا كۈنى ئەمەسمۇ. ئۇ: راست، بۈگۈن ھارپا كۈنىغۇ، دەپ ئويلىدى.
قىزچاق ئىككى كورپۇس ئۆينىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ ئولتۇردى. ئۇ پۇتلىرىنى يىغىۋىدى تېخىمۇ توڭلاپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ بىرتال سەرەڭگىمۇ ساتالمىغان، بىر يارماقمۇ تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن دادىسىدىن چوقۇم تاياق يەتتى. شۇڭا، ئۆيىگە قايتىشقا پېتىنالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىمۇ مۇشۇ يەرگە ئوخشاش بەك سوغۇق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئېچىلىپ قالغان يوغان تۆشۈكنى ئوت- چۆپ ۋە ئەسكى- تۈسكى لاتىلار بىلەن ئېتىپ قويغان بولسىمۇ، شامال يەنىلا غۇيۇلداپ كىرىپ تۇرىدىغان ئۆگزىسىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.
ئۇنىڭ قوللىرى سوغاقتا قېتىپ قالاي دەپ قالدى. ھەي! مۇشۇ پەيتتە بىر تال سەرەڭگىمۇ ئۇنىڭغا ئەسقاتاتتى. ئۇ بىر تال سەرەڭگىنى ئېلىپ تامغا سۈركەشكە جۈرئەت قىلسىدى، ئۇ قولىنى بىر ئاز بولسىمۇ ئىسسىتىۋالسا بولاتتى! ئۇ ئاخىر بىر تال سەرەڭگىنى ئالدى- دە، «شار» قىلىپ ياقتى، سەرەڭگە ياندى، ئوت خۇددى كىچىك بىر تال شامدەك بولۇپ، ئىسسىق، نۇرلۇق يالقۇنغا ئايلاندى. بۇ نۇر بەكمۇ گۈزەل ئىدى! بۇ چاغدا قىزچاق ئۆزىنى پارقىراپ تۇرغان مىس مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدى. بۇ ئوت نېمىدىگەن ئىسسىق، نېمىدىگەن گۈزەل- ھە! بۇ قانداق ئىش؟ قىزچاق ئىسسىتىۋالاي دەپ پۇتلىرىنى ئەمدىلا سوزۇشىغا توساتتىن ئوت ئۆچۈپ قالدى. مەشمۇ كۆرۈنمەيتتى. قىزچاق كۆيۈپ بولغان بىر تال سەرەڭگىنىڭ قالدۇقىنى تۇتقان پېتى ئۆز ئورنىدا ئولتۇراتتى.
ئۇ يەنە بىر تال سەرەڭگە ياقتى. سەرەڭگە يېنىپ نۇر چاچتى. تامنىڭ يورۇق چۈشكەن يېرى بىردىنلا تېخىمۇ سۈزۈكلىشىپ، خۇددى بىر پارچە نېپىز پەردىگە ئوخشاپ قالدى. بۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى نەرىسلەرنى: شىرەگە سېلىنغان ئاپئاق دەستىرخاننى، دەستىرخان ئۈستىگە قويۇلغان ئېسىل چىنە- قاچىلارنى، ئۇلارغا توشقۇزۇپ قويۇلغان قارا ئۆرۈك ۋە ئالما سېلىپ پىشۇرۇلغان مىزىلىك غاز كاۋىپىنى كۆردى. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ غاز پەتنۇستىن سەكرەپ چۈشۈپ، دۈمبىسىگە پىچاق، ۋېلكا سانچىلغان پېتى ئېغاڭلاپ، توپتوغرا ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتماقتا ئىدى. بۇ چاغدا سەرەڭگە ئۆچۈپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ھەم قېلىن، ھەم سوغۇق تاملا تۇراتتى.
ئۇ يەنە بىر تال سەرەڭگە ياقتى. ئەمدى ئۇ بىر تۈپ كۆركەم روژىستىۋا دەرىخى ئارچىسى ئاستىدا ئولتۇراتتى. بۇ ئارچا ئۇنىڭ ئۆتكەندە روژېستىۋا بايرىمىدا بىر باي سودىگەرنىڭ ئەينەكلىك ئىشىكىدىن كۆرگەن ھېلىقى ئارچىدىنمۇ يوغان ھەم كۆركەم ئىدى. ئۇنىڭ ياپ- يېشىل شاخلىرىدا نەچچە مىڭلىغان شام يېقىقىلىق ئىدى. سودا دۇكانلىرىنىڭ دەرىزىلىرىگە ئېسىلغان چىرايلىق، رەڭلىك رەسىملەر ئۇنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. قىزچاق ئىككى قولىنى ئۇزىتىشىغا سەرەڭگە ئۆچۈپ قالدى. روژىسىتىۋا دەرىخى ئارچىسىدىكى شام نۇرى بارغانسىرى ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىدى. قىزچاق ئۇلارنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىرى ئاسماندا بىر تال قىزىل سىزىق سىزىپ ئېقىپ چۈشتى.
 «يەنە بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى قىزچاق. ئۇنىڭ ئەڭ مېھرىبان مومىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا: ئاسماندا بىر يۇلتۇز ئېقىپ چۈشسە، يەردىن بىر روھ بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ، دېگەن ئىدى.
قىزچاق يەنە بىر تال سەرەڭگىنى تامغا سۈركەپ ياندۇردى. سەرەڭگە يورۇقى ئەتراپنى يورۇتتى. ئۇ مۇشۇ يورۇقتا مومىسىنى ئېنىق كۆردى. مومىسى ئۇنىڭ كۆزىگە بەكمۇ نۇرلۇق، بەكمۇ مۇلايىم، بەكمۇ ئىللىق كۆرۈندى.
- موما!- دەپ توۋلىۋەتتى قىزچاق،- جېنىم موما! مېنىمۇ ئالغاچ كېتىڭ! مەن بىلىمەن، بۇ سەرەڭگە ئۆچكەن ھامان سىز غايىپ بولۇپ كېتىسىز، سىز ئاشۇ ئىسسىق مەش، ئاشۇ ئېسىل غاز كاۋىپى، ئاشۇ بەختلىك روژىستىۋا ئارچىسىدەك غايىپ بولۇپ كېتىسىز!
شۇنداق قىلىپ، قىزچاق مومىسىنى ئېلىپ قېلىش ئويىدا بىر تۇتام سەرەڭگىدىن قېپقالغان سەرەڭگىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدىراشلىق بىلەن ياندۇردى. بۇ سەرەڭگىلەرنىڭ ئوتى كۈچلۈك نۇر چېچىپ، ئەتراپنى كۈندۈزدىنمۇ بەك يورۇق قىلىۋەتتى. مومىسى بۇ دورەم ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ھەم قامەتلىك كۆرۈندى. مومىسى قىزچاقنى كۆتىرىۋېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى. ئىككىيلەن يورۇقلۇق ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۇچۇپ كەتتى. ئۇچقانسىرى ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈپ، سوغۇقمۇ، ئاچلىقمۇ، قايغۇ-ھەسرەتمۇ يوق جايغا- ئۇ ئالەمگە كەتتى!
بىراق، سوغۇق قاتتىق بولغان تاڭ سەھەردە بۇ قىزچاق تام تۈۋىدە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزارغان، لەۋلىرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. يەنى كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى مۇزلاپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. يېڭى يىل قۇياشىنىڭ نۇرى ئۇنىڭ كىچىككىنە جەسىتىگە چۈشەتتى. ئۇ قولىدا سەرەڭگە تۇتاملىغان ھالەتتە شۇ يەردە ئولتۇراتتى. سەرەڭگىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆيۈپ تۈگىگەن ئىدى.
- ئىسسىنىۋالاي دەپتىكەن- دە،- دېيىشتى كىشىلەر. ئۇنىڭ نى- نى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكى، نەقەدەر بەختلىك ھالدا مومىسى بىلەن بىللە يېڭى يىلدىكى بەخت- سائادەتكە چۆمگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى