قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى...

2018-05-31 16:57:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*ئادەم ئۆز تۇرمۇشىدىكى بەزى قىسمەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە، تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، گۈزەل كېلەچەككە ئىشەنچ بىلەن قارىشى، ئۈمىدۋار بولۇپ كەسكىن، مەردانە ياشاشتىن ئىبارەت ھايات پوزىتسىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. كىشىلىك ھايات مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىچىدە ئۆز قەدىر- قىممىتىنى يارىتىپ، ھاياتقا مەنا، رەڭ بېرىدۇ.
*ئادەمدە قىلىۋاتقان ئىشىغا نىسبەتەن غەلىبە ئۈمىدى، تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھى بولسا، ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغ، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق بولمايدۇ. ئادەم خىزمەت ياكى باشقا تەرەپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى نىيەت قىلسا، ئۇنىڭدا ئالدى بىلەن شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىشەنچ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىد، چىدامچانلىق روھى بولۇشى كېرەك. قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا، قىلىۋاتقان ئىشىدىن توختاپ قالماسلىقى ياكى ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
*ئۈمىد- ئادەم قېنىدىكى خورىماس بىر خىل شەكىلسىز ئېقىن. بۇ ئېقىن كىشىلەرنى دائىم ياشاشقا، ھاياتلىق ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت، كۈرەش قىلىشقا، ۋەتەن، خەلققە جاۋاب قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. تۇرمۇشنى مەنىلىك ۋە شاد ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەيدۇ. بەختكە ئىنتىلىشكە ۋە ئۆزىدىن قانائەتت ھاسىل قىلىپ، بىر جايدا توختاپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىدۇ. ناۋادا، كىشىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى بۇ ئېقىن قۇرۇپ كېتىدىكەن، ھاياتلىقنىڭ جان ئومۇرتقىسى سۇنىدۇ. ئادەم تەڭداشسىز كۈچ- قۇدرەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭا ھاياتلىق ئۈمىدلەرگە تولسۇن، ھاياتلىقنىڭ جان ئومۇرتقىسى بولغان ئۈمىدنى يوقىتىپ قويمايلى، ھاياتلىق ئۈمىد بىلەن ياشنايدۇ.
*كىشىلىك تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىكەنمىز ھامان باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىمىز. ئېھتىمال بۇ خىل تەسىرلەر سىزنى تېخىمۇ جەسۇر، تېخىمۇ جەلپكار قىلىپ تاۋلاپ چىقىشى ۋە ياكى ئىشەنچىڭىزگە دەخلى قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، يادىڭىزدا بولسۇن، باشقىلارغا ئوخشىماسلىقنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
*ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئۆزى ئىشەنمىسە، باشقىلارنىڭ ئىشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن. ئادەم ئەينەك ئارقىلىق ئۆز روھىي دۇنياسىنى كۆرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم سەمىمىي «ئادەم ئەينەك»لىرىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى نۇقسانلارنى سېزەلەيمىز. بۇ نۇقسانلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قولىمىزدا. بۇ دەل بىزدىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى