قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى...

2018-05-31 16:58:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

*ھەر قانداق ئىشقا ئۈمىد بىلەن قاراش خۇشاللىق ۋە بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئەينەك ۋە ئەينەكلەر ئارقىلىق دائىم ئۆزىڭىزنى كۆزىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالىسىڭىز، قىممەت تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز خۇشاللىققا ئېرىشىسىز. بىرەر ئىشنى باشقا چىقىرىشتا ئىشنى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن باشلاش كېرەك. ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تولۇقلاشتا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەلەپچانلىقنى قىممەت تولۇقلاش كارتىسى قىلىش لازىم.
*ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۆزىنىڭ قىممىتىگە ئىشىنىش خاسلىققا ئىگە. ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، ئەلۋەتتە، باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشەنمەسلىكىدىن، سىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىدىن ئاغرىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى بىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى ئەڭگۈشتەردۇر.
*ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈچۈن ھاياتلىق خانىسىنى ياسايدۇ. بۈگۈنكى ھەرقانداق بىر مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئاقىۋىتى، ھامان ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. شۇڭا ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئادەمگە، ھەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلساق، تۇمۇشىمىزدا ئەپسۇسلىنىش ۋە نادامەتلەر ئازراق بولۇپ، گۈزەللىك ۋە شاد- خوراملىقلار كۆپرەك بولىدۇ.
*قىيىنچىلىق يولىڭىزنى توسۇغان، ئوڭۇشسىزلىق بېلىڭىزنى پۈككەندە ھېچكىمدىن رەنجىمەڭ، ھېچكىمگە تاپا تەنە قىلىپ كايىماڭ، بەلكى سەۋەبىنى ئۆز پوزىتسىيىڭىزدىن ئىزدەڭ. ئەخمەق ئادەم شور پېشانىلىكىنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ، ئاددىي كىشىلەر ئۆز- ئۆزىنى ئەيىبلەشكە چۈشىدۇ. ئاقىللار بولسا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ سېپى ئۆزىدىن ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىدىن، باشقىلاردىن رەنجىپ يۈرۈشنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوقلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
*باشقىلاردىن كايىپ، رەنجىپ يۈرمەسلىك ئەخلاقتا يۈكسەلگەنلىكنىڭ ئىسپاتى. رەنجىش، ئەيىبلەشنىڭ پايدىسىزلىقى ھەممىگە ئايان. پوزىتسىيىمىزنى تەھلىلەپ، ئۆزىمىزنى قانچە قاتتىق چېنىقتۇرغانسېرى يەڭگىللىك بىلەن پايدىسىز ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن شۇنچە ساقلىنالايمىز. ھەممە ئىش ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. ئوخشاشلا باشقىلار قانداق ئويلىغۇسى كەلسە شۇنداق ئويلايدۇ، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلىشىنىڭ بىز بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، باشقىلارغا تېخىمۇ كايىماڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى