قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى ـ كەينىدە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ

2018-05-31 17:11:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

    بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىلگىرى نېمە يېيىش، قايسى ۋاقىتتا يېيىش، قانچىلىك يېيىش ئىزچىل نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مەسىلە.
    كۆپچلىككە چېنىقىشتىن 30-15 مىنۇت ئىلگىرى بىر، ئىككى تال بانان يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز:
    بىرىنچىدىن، بانان يېتەرلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەپلا قالماي، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ.
    ئىككىنچىدىن، بانان تەركىبىدە كالىي ۋە ماگنىي مول. كالىي بەدەندىكى سۇ ، ئوسموس بېسىمى ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مۇسكۇل قوزغىلىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، نورمال يۈرەك رېتىمىنى ساقلايدۇ، ماگنىي بەدەندىكى كۆپ خىل ئېنزىمنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ،  نېرۋا غىدىقلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
    ئۈچىنچىدىن، باناننىڭ قان قەنتى قىممىتىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ياغ سىيرىش رولى بار.
    باناندىن باشقا، چېنىققاندا يەنە سۈت، تۇخۇمغا ئوخشاش   ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكىمۇ بولىدۇ.
    تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى چېنىقىشنىڭ ئالدى- كەينىدە يېيىشكە بولمايدۇ:
    بىرىنچى، بىر تەرەپ قىلىنمىغان خام كۆكتاتلار. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
    ئىككىنچى، تېز تاماق، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ھامبۇرگ بولكىسى، قوناق قوتۇرمىچى قاتارلىق ئىسسىقلىق  مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر.
    ئۈچىنچى، پىسا قاتلىمىسى.
    تۆتىنچىسى، تۇزلۇق يېمەكلىكلەر.
    بەشىنچى، گازلىق سۇ، مېۋە شەربىتى، تاتلىق ئىچىملىكلەر.
    ئالتىنچى، تاتلىق يېمەكلىكلەر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى