قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەپەككۇر ئۇنچىلىرى

2018-05-31 17:12:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كەيپىيات ياخشى بولسا، تۇرمۇش ناھايىتى گۈزەل تۇيۇلىدۇ، ھەم  ھەر قانداق ئىشنىڭ ئازادە ۋە خۇشال- خورام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ- يوق؟ كەيپىياتنى تەڭشەشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ: 
* بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. نىمىگە قىزىقسىڭىز، كۆڭلىڭىز نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بىقىڭ. پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كەتسىڭىز، تەبىئىيلا ھەممىنى ئۇنتۇيسىز. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.  
* تەبىئەتنى سۆيۈڭ. بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا باغچىلاردا سەيلە قىلسىڭىز، ئاستا يۈگۈرسىڭىز ياكى ۋېلىسپىت مىنسىڭىز كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.
*  ئۇرۇق- تۇققان، دوستلىرىڭىز بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈڭ. ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان ۋە دوستلىرىڭىز بىلەن داۋاملىق باردى- كەلدى قىلىپ تۇرسىڭىز كەيپىياتىڭىزنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە پايدىلىق. شۇنداقلا تۇرمۇشىڭىز رەڭدارلىققا تولىدۇ.
* باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ. باشقىلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بىرىشنىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ. باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، تەبىئىي ھالدا خۇشاللىق تاپالايسىز.
* تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىڭ. چىنىقىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىققىمۇ، كەيپىياتنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق.
* كىتاب ئوقۇڭ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزۈڭ. كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى