قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلار ساغلاملىقىغا ئائىت ساۋاتلار

2018-06-01 18:01:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەتتە ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چىش پاستىسى ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىنمايدىكەن. بولۇپمۇ، چوڭلارنىڭ چىش پاستىسىنى ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ بولمايدىكەن. چوڭلارنىڭ چىش پاستىلىرىغا چىش چىرىش، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن فتورىدلار قوشۇلغان بولۇپ، فتورىد قالدۇقلىرىنىڭ ئېغىزدا قېلىشىغا ياكى يۇتۇۋېلىشقا بولمايدىكەن. ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، چىش پاستىسىنىڭ قالدۇقلىرى ئاسانلا چىش ئارىلىقلىرىدا قېپقالىدىكەن ياكى ئاسان يۇتۇۋالىدىكەن. ئاتا- ئانىلار ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ چىشىنى يۇمشاق چىش چوتكىسىنى ئىلمان قايناق سۇ ياكى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ چوتكىلاپ قويسىلا بولىدىكەن. ئۈچ ياشتىن كېيىن چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلاشنى باشلىسا بولىدىكەن. بىراق چىش پاستىسى چوقۇم مەخسۇس بالىلارنىڭ چىش پاستىسى بولۇشى، ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش مىقدارى ئاز بولۇشى كېرەككەن. بالىلارغا چىش پاستىسى تاللاشتا ئامال بار خۇش پۇراقسىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىمكەن. بازارلاردىكى بالىلار چىش پاستىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا مېۋە تەمى قوشۇلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ يۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن. دورىلىق چىش پاستىلىرى بالىلارغا ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن، بولمىسا ئېغىز بوشلۇقى باكتېرىيەلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇش ھەم بەزى باكتېرىيەلەردە دورىغا كۆنۈۋېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدىكەن، بۇمۇ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەن.
بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ئاساسىي جەھەتتىن زۇكام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ يەنە كېكىردەكنىڭ ياللۇغلىنىشىدىنمۇ بولىدىكەن. بالىلار زۇكامدىغاندا يېمەكلىككە دىققەت قىلمىسا، كېكىردەك ئاسان ياللۇغلىنىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى زۇكامداپ ئۈچ كۈندىن كېيىن كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالا زۇكامداپ ئۈچ كۈنگىچە ياخشىلىنىش بولمىسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك ئىكەن. ئادەتتە زۇكامدىغاندا ئاسان بەلغەم پەيدا بولىدىكەن، چوڭلار بۇنى ئاسانلا چىقىرىۋېتەلەيدۇ، لېكىن بالىلار ئاسانلىقچە چىقىرىۋېتەلمەيدىكەن. شۇڭا، بۇنداق ۋاقىتتا بالىغا ياردەملىشىپ دۈمبىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سىلاپ بېرىش، دۈمبىسىگە بوش ئۇرۇش كېرەككەن.ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر سوتكىسىغا ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەت، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇ چەكتىنمۇ ئېشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇيقۇ تۈگۈنى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەمما باشقا تۈگۈنلەر ئاللىقاچان كونترول ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئويقۇ تۈگۈنى چارچاپ كېتىدۇ ـ دە، باشقا تۈگۈنلەرنىڭمۇ كونترول قىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئاستىلاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلار ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىنى روھسىز ھېس قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەزگىلدە تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولىدۇ. مانا بۇ، بالىلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى «چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى» نى پەيدا قىلىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى