قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سايرام كۆلىنى ھەسەن- ھۈسەن ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان جاي دېيىشكە بولىدۇ

2018-06-01 18:50:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«شىنجاڭغا كەلمىگىچە جۇڭگونىڭ چوڭلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ ئىلىغا بارمىغىچە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەندەك، سايرام كۆلى بولسا ئىلى مەنزىرىسىدىكى ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى. «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» دەپ سۈپەتلىنىدىغان بۇ جايدا، قارلىق تاغ، يايلاق ۋە كۆپكۆك كۆل سۈيى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. نۇرغۇن كىشى پەقەت ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىدۇ. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت يولدىن ئۆتكەچ يىراقتىن بىر قاراپلا مەن بۇ يەرنى كۆردۈم دەپ ئويلايدۇ. سايرام كۆلىنىڭ مەنزىرىسىنى بىر قاراپلا ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ سېھىرگە تولغان جاينىڭ ھەممىلا يېرىدە ئادەمنى مەست قىلىدىغان مەنزىرىلەر بار.
سايرام كۆلى كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2 مىڭ 70 مېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 30 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 25 كىلومېتىر، كۆلىمى 453 كىۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ، سۇ سىغىمچانلىقى 21 مىليارد كۇب مېتىرغا، كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 12 مېتىرغا يېتىدۇ. سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 92 مېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 46.4 مېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سوغۇق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. سايرام كۆلى ئېگىز تاغ ئويمانلىقىدا بولۇپ، كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز قارلىق تاغلارنى، گۈزەل كۆل قولتۇقىغا نەزەر سالغىلى بولىدۇ، رەڭگى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۆل سۈيىنىڭ گۈزەللىكى ئۆزگىچە.
ھەر يىلى 6- ئايدا، بۇ يەردە كۆركەم تاغ گۈللىرى ئىچىلىپ، كۆل بىلەن ئاسمان ئوخشاش رەڭدە كۆرۈنىدۇ، كۆل ئەتراپىنى قارلىق تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئورمانلىقلار ياپيېشىل بولۇپ، ئاشىق- مەشۇقلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ماڭغانلىقى، قوي- كالىلارنىڭ بىخۇرامان ئوتلاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل. سايرام كۆلىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسىلى كېلەيلا دەپ قالدى، بۇ قېتىم چوقۇم ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ بېقىڭ.
6- ئاي كىرىشى بىلەنلا سايرام كۆلى بويىدىكى يايلاقتا رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر بەس- بەستە ئېچىلىدۇ، بۇ دەل ئۇنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلى. بۇ مەزگىل گۈللەر ئارىسىدا سەيلە قىلىپ، كۆلنى ئايلىنىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ. كۆل بويىدا كېتىۋېتىپ، كۆپكۆك كۆل سۈيىگە قارىسىڭىز، كۆپكۆك ئاسماننى كۆرگەندەك روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار كۆلدە ئەكس ئېتىپ، گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن، بۇ مەنزىرىدىن باشقا، كۆلدىكى ئادەم سىماسىمۇ ئەڭ گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
يازنىڭ ئىككىنچى ئېيىدىكى سايرام كۆلىدە ھاۋا ئىسسىق بولمايدۇ، بۇ يەرگە كەلگەندە، ئوتلاقتا يېتىپ ئاپتاپقا ئوبدان قاقلىنىڭ. يايلاقتا ياتسىڭىز، ئەتراپىڭىزنى گۈللەر ئوراپ تۇرىدۇ، ئىللىق ئاپتاپ چۈشۈپ، مەيىن شامال يۈزىڭىزنى يەلپۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق راھەت ھېس قىلىسىز. ھېچنېمىنى ئويلىماي، پەقەت قارلىق تاغ، كۆللەرنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ بىپايان ئاسمىنىدىن ھۇزۇر ئىلىڭ ياكى كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى جىمجىتلىقنى ھېس قىلىڭ. شۇ چاغدا ئويىڭىزدا يەنە كىمنىڭ چىرايى پەيدا بولىدۇ؟ يىراقتىن ئاتنىڭ كىشنەشلىرىنى ئاڭلايسىز، شۇ چاغدا، بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق ۋاڭ- چۇڭلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
كۆل، تاغ، يايلاق بار تۇرسا، بۇ گۈزەل تەبىئەتتە قانداقمۇ ئات چاپتۇرۇشنى ئويلىماي تۇرالايسىز؟ ئاتقا مىنىپ كۆل بويىدا ئۇچقاندەك چاپتۇرۇڭ، بىر تەرىپى كەڭ كەتكەن يايلاق، يەنە بىر تەرىپى كۆز يەتكۈسىز كۆل، بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز ۋاللىدە يورۇپ كېتىشى مۇمكىن. يايلاقتا چارۋا بېقىۋاتقان چارۋىچىلارنىڭ كۈلۈمسىرەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىلمەي كۈلۈمسىرەيسىز. بۇ يەردە يەنە ئات مىنىپ كۆل بويىدىكى تۆپىلىككە بارغىلى بولىدۇ، ئېگىزدە تۇرۇپ كۆلگە قارىسىڭىز، ئاسمانمۇ كۆك، سۇمۇ كۆك كۆرۈنىدۇ.
كۆك رەڭگە قارىسىڭىز، مەڭگۈ ئېسىڭىزدىن چىقمايدىغان، شېئىرىي تۇيغۇغا تولغان، سىرلىق تۇيغۇغا كېلىسىز. ئەگەر سىز سايرام كۆلىدە قانچىلىك ئوينىساق بىر قەدەر ياخشى دەپ سورىسىڭىز، مەن سىزگە بىر كۈن تولۇق تۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ گۈزەللىكى پەقەت كۈندۈزىلا ئەمەس. شۇڭا، كۈن پېتىشنى ساقلاڭ، بەلكىم، بىر قېتىملىق ئويلاپ باقمىغان گۈزەللىكنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. قۇياش نۇرى غەربكە قىيسىيىپ، كەچكى شەپەق كۆل يۈزىگە چۈشكەندە، سايرام كۆلى تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ. سايرام كۆلىنىڭ كەچكى مەنزىرسىمۇ كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
كەچتە بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى يورۇق ۋە تىنچ، كېچە ئاسمىنى رومانتىك ھەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ، غايەت زور كۈچ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چېدىر تىكىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى كۆرۈپ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىڭ.
ئۈرۈمچىدىن سايرام كۆلىگە بېرىشتا يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا بىر كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، سەۋەبى يۇقىرى سۈرەتلىك يولدا سۈرەت چەكلىمىسى بار. ئەتىگەن سائەت 6 دىن ئاشقاندا ماڭسىڭىز، چۈشتىن كىيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا يېتىپ بارالايسىز. ياز پەسىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونلىرىدا سائەت 22 دىن كېيىن قۇياش پاتىدۇ. شۇڭا، يەنە ساياھەت قىلىشقا ۋاقىت يېتەرلىك. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى 70 يۈەن بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئېچىۋېتىلىدۇ. ئىلىنى ساياھەت قىلىشنى تاللىغان كۆپىنچە ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىدۇ. سايرام كۆلىگە كېلىشتە، ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەشنى تالىسىڭىزمۇ ياكى ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى