قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلارنىڭ كۆز تورلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

2018-06-03 11:44:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆيىڭىزدە ياشانغان بوۋا-مومىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز بارمۇ؟ يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ تورلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ساۋتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  ئۇلارغا دەپ  بېرىڭ، شۇ مېھرىبانلارنىڭ  ئېنىق كۆرەلىشى ئۈچۈن ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ياشانغاندا كۆز تورلىشىش ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى تىببى ئىلىمدە ئىسپاتلىنىشىچە، ياشانغانلاردىكى بۇخىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىچە:
 دائىم كۆزىنى چىمچىقلىتىپ بېرىش. بۇنداق قىلغاندا كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كۆزىنى پات-پات ئايلاندۇرۇپ بېرىش. بۇ ئارقىلىقمۇ كۆزنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.
  توغرا بولغان ئوقۇش، يېزىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەش. كۆز بىلەن كىتاپنىڭ ئارىلىقى 30 سانتېمىتېر ئەتراپىدا بولۇش، بۇ كۆزنىڭ ئاسان چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
نەرسىلەرگە قارىغاندا ئۇدۇل قاراش، يانتۇ قارىماسلىق كېرەك، بولمىسا كۆزنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.
قاراڭغۇ جايدىن بەك كۈچلۈك نۇر ئاستىغا بارغاندا بىر ئاز ۋاقىت كۆزىنى يۇمۇۋېلىش  ئارقىلىق كۈچلۈك نۇرنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.  بەدەن چېنىقتۇرىشقا ئەھمىيەت بېرىش. پۈتۈن بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش ئارقىلىقمۇ ياشانغاندا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ ئالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى