قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياشانغانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

2018-06-04 18:45:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياشانغانلار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، تىل تۈۋى ۋە كېكىردەك قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ئاسانلا بوشىشىپ، نەپەس يولىنى توسۇۋېلىپ، نەپەس قىيىنلىشىپ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەنگە ئۇزاق مۇددەت ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، سوققان تومۇر تېمىدىكى ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئارتىپ، قان تومۇر دىۋارى ئىچكى پەردىسى ئاستىغا ياغ تىنىۋېلىپ، سوققان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، مېڭە تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىش، تارىيىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ ۋە مېڭە ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ.
يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك تاجىسىمان سوققان تومۇرىدا بوتقىسىمان قېتىشىش ۋە قان بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلار ئامال بار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ياشانغانلار دائىم پىيادە مېڭىپ بەرسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. يەنى، ھەپتىدە ئۈچ كۈن، كۈندە 40مىنۇت پىيادە مېڭىپ بېرىش- ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەم ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.
بەك ئورۇق ياشانغانلار ئۇزاق مەزگىل قاتتىق كارىۋاتتا ياتسا، بەل ئومۇرتقىسى بىلەن مۇسكۇللار زەخمىلىنىپ، باشقا ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. شۇڭا، ئورۇق ياشانغانلار ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق كارىۋاتتا يېتىشى زۆرۈر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى