قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇيقۇ بېسىمنى تۈگىتىپ، خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

2018-06-05 17:09:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قورامىغا يەتكەن ھەر %25 كىشى قېنىپ ئۇخلىيالمايدىكەن، ھەر يىلى قورامىغا يەتكەن %7 كىشى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان، كۈندە كەچلىك ئۇيقۇ ۋاقتى ئالتە سائەتتىن كەم بولغانلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %80 يۇقىرى بولىدىكەن.
ئۇيقۇ كەمچىل بولۇشنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىققا بولغان كونكرېت تەسىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 20 مىڭ ئادەمگە چېتىشلىق بولغان تېلېفوندا تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغان. بۇ تەكشۈرۈش ـــ سىناققا قاتناشقۇچىلاردا 30 كۈن ئىچىدە جىددىيلىشىش، ياردەمسىز قىلىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، تەشۋىشلىنىش قاتارلىق كەيپىيات مەسىلىلىرى كۆرۈلدىمۇ-يوق، ئۇلارنىڭ كۈندە كەچتىكى ئۇخلاش ۋاقتى قانچىلىك، دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قانچە ئاز بولسا، ئۇچرىغان بېسىمى شۇنچە يۇقىرى بولغان. كۈندە كەچتە يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلارنى كۈندە كەچتە ئالتە سائەت ئۇخلايدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالتە سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئايدىكى جىددىيلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، ئازابلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش مۇمكىنچىلىكى %60 تىن %80 كىچە يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ئادەم ھەر خىل ناچار كەيپىياتلاردىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاياللارنىڭ تېنىدە ئانىلىق ھورمونى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقتىن پەيدا بولىدىغان پاسسىپ تەسىرلەر ئەرلەرنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى كۆپچىلىككە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولغاندىلا ئاندىن بېسىمنى تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: تەكلىپكە ئاساسلانغاندا، كۈندە كەچلىك ئۇيقۇ ۋاقتى يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى