قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىياڭگاڭدىكى ۋېكتورىيە پورتى

2018-06-05 18:23:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋېكتورىيە پورتى، شياڭگاڭ ئارىلى ۋە جيۇلۇڭ يېرىم ئارىلى ئارىسىغا جايلاشقان پورت ۋە دېڭىز بولۇپ، پورت كەڭرى، سۈيى چوڭقۇر بولغاچقا، دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ تەبىئىي پورتلارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان. ۋېكتورىيە پورتى تەخمىنەن 7 مىڭ يىللار ئىلگىرى شەكىللەنگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېكتورىيە پورتى تەيپىڭ تېغى ۋە جىيۇلۇڭ تېغى ئوتتۇرسىدىكى بىر تاغ جىلغىسى بولۇپ، كېيىن دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى تاغ جىلغىسىنى دېڭىز سۈيى بېسىپ كىتىپ، بۈگۈنكى پورت شەكىللەنگەن. ۋېكتورىيە پورتى شىياڭگاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. شىياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ساياھەتچىلىكىدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان بولۇپ، شىياڭگاڭنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ۋېكتورىيە پورتى ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «كىشى ھاياتىدا چوقۇم بېرىشقا تىگىشلىك 50 مەنزىرە نۇقتىسى» نىڭ بىرى دەپ تەرىپلىگەن، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركۈم- تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىدىغان، شۇنداقلا شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىن ئارام ئالىدىغان ياخشى جايى.
دېڭىز پورتىنىڭ غەربى شىمالىدىكى «كونتېينېر پىرىستانى» شىياڭگاڭنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كونتېينېر ئەشيا ئوبوروتى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ توشۇش مىقدارى كونتېينېر پورتى. بۇ يەرنىڭ پورتقا كىرىش ۋە پاراخوت توختاش ۋاقتى پەقەت 10 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىلىقى جەھەتتە دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ پورتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كونتېينېر بۇ بىز ئادەتتە ئېيتىۋاتقان يۈك ساندۇقى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ توشۇش مىقدارى كونتېينېر پورتى سىنگاپوردا، ئىككىنچىسى شياڭگاڭدا.
ۋىكتورىيە پورتىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى جاھانغا مەشھۇر، ياپونىيەدىكى خاكوداتى بىلەن ئىتالىيەدىكى نابلىس بىلەن قوشۇلۇپ دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ كېچىلىك مەنزىرىسى گۈزەل شەھەر دەپ تەرىپلىنىدۇ ھەمدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كېچە بولغاندا، ئىككى تەرەپتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پەلەك چاقىنىڭ چىراغلىرى چاقناپ، «شەرقتىكى مەرۋايىت» نىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسىنى بەرپا قىلغان. تۈن پەردىسى ئاستا- يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن، ئۇپۇقتىكى شەپەق تېخى يوقىماي تۇرۇپلا، سانسىزلىغان چىراغ نۇرى يۇلتۇزلار كەبى پارلاپ گۈزەل، ئاۋات، باياشات مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ. شياڭگاڭ قولتۇقىغا جايلاشقان شياڭگاڭ كۆرگەزمە مەركىزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمىخانىلارنىڭ بىرى. 1997- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش مۇراسى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقئارانىڭ دېققىتىنى تارتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ قۇشنىڭ قانات قېقىپ تۇرغىنىغا ئخشايدىغان ئۆزگىچە شەكلى گۈزەل ۋېكتورىيە پورتىغا ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلغان.
ئىككى قىرغاقتىكى چىراغلارنىڭ شولىسى سۇغا تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ مەنزىرە خۇددى شېئىرلادەك رومانتىك، سۈرەت ۋە چۈشتىكىدەك گۈزەل بولۇپ، شىياڭگاڭدەك كېچە بولمايدىغان شەھەرگە تېخىمۇ سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان. ۋىكتورىيە پورتى يەنە شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ساليوت ئېتىش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى. ھەر قېتىمقى مۇھىم تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە، ھەر خىل رەڭدىكى ساليوتلار پورت ئاسمىنىدا توختىماي پورەكلەپ ئېچىلىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ۋىكتورىيە پورتى ئىزچىل تۈردە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ كەلگەن. يۈز يىللىق خورلۇق ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، ئىسىم پەقەت ئۇنىڭ بەلگىسى خالاس، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەن شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى ۋە تەرەققىياتىغا بىز تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى