قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات

2018-06-06 12:00:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات:
2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھاۋا سالقىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە ماس كېلىدۇ.
6-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
نۇقتىلىق ئەسكەرتىش:
بىرىنچى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھاۋارايى ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، يۇقىرى تېمپىراتورا، كەڭ دائىرىلىك يامغۇر ياكى بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلمەيدۇ. ھاۋا سالقىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا تەييارلىق كۆرۈشى ۋە ئىمتىھان بېرىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
ئىككىنچى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 7-كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. بۇ-- ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدان كۆرۈشى ۋە ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز. ئۈچىنچى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، ئىلى دەرياسى جىلغىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا كۈچلۈك كونۋىكسىيەلىك ھاۋارايى ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ جايلاردىكى مېتىئورولوگىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھاۋارايىدىن بەرگەن ئالدىن مەلۇماتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى