قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇرچىن ناھىيەسى كىتاب شەھىرى بەرپا قىلىپ، ساياھەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى

2018-06-06 17:55:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

6- ئايدا بۇرچىن ناھىيەسى يەنە ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى ۋە ساياھەتچىلەر كىچىك شەھەردىكى كوچا- كويلاردا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، بۇرچىن ناھىيەسى بۇ يىل ساياھەتچىلىك سۈپىتىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە پۈتۈن كۈچ بىلەن «كىتاب شەھىرى» بەرپا قىلماقتا.
«بالىلار چۆچەكلىرى كىتابخانىسى»، «رەڭدار دەريا كىتاب باغچىسى» دىن تارتىپ «ۋوگزال كۇتۇپخانىسى» غىچە، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ھەر قايسى ئوقۇش نۇقتىلىرى ئارقىلىق سىرتقا كىتاب ئوقۇش پۇرىقىنى چېچىپ، ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە ھاياتىي كۈچكە تولغان كىتاب شەھەرچىسىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى.
ئىلگىرى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ساياھەت مېھمانخانىسىدا قونغان بېيجىڭلىق ساياھەتچى جېڭ ليۈ مۇنداق دېدى: مەن نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ باققان، سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەيدىغان جايلار ناھايىتى كۆپ، ئەمما مۇنداق كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان كۇتۇپخانىسى بار مېھمانخانىلار ئىنتايىن ئاز. بۇ يەردە بۇرچىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئېسىل تائاملىرى ۋە مەدەنىيىتىدىن تەڭ ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن.
 بۇرچىن ناھىيە بويىچە «تۇرمۇشنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىش» تىن ئىبارەت زامانىۋى تۇرمۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە مەدەنىيەت، ساياھەت ساھەسىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاممىنى ماركا، ئۆزگىچە يۇقىرى سۈپەتلىك دەم ئېلىش ساياھىتى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇرچىن پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئۇلار مېھمانساراي، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق جايلارغا يېڭىدىن 29 كىتاب ئوقۇش ئورنىنى كۆپەيتتى، بۇ ئورۇنلارغا 32 مىڭ 800 پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك كىتاب قويدى، ئومۇمىي خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئادىمىيەت ئۆرپ- ئادىتى ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى ياراتتى.
بۇرچىن ناھىيەسىدىكى »جىنشەن« كىتابخانىسى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەقەت بىر مەدەنىيەتنىڭ كىچىك يەر بەلگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت تۇيغۇسى، كىتابخۇمارلىق بىلەن «چېگرادىكى كىتابخۇمارلار شەھىرى» گە مەنا ئاتا قىلدى.
 بۈگۈنكى كۈندە، بۇرچىن ناھىيەسى نۇرغۇن كىتاب ئوقۇش سۇپىلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەر ۋە ئاھالىلەرنى تېخىمۇ قولايلىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىپلا قالماي، يەنە «ساياھەت بىلەن مەدەنىيەت ئۆزئارا ماسلىشىش» نىڭ سېھرىي كۈچىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، كىتابخۇمارلىقنى كىچىك شەھەرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىغىچە يەتكۈزدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى