قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەر كۈنى نەچچە سائەت ئۇخلىسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

2018-06-06 19:09:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۇرغۇن كىشى ئۇيقۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ بەك قىسقا بولۇپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، نورمال ئۇخلاش ۋاقىتىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا، بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتى ۋە ئۇخلاش مۇھىتى.
مەلۇم تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەككىز سائەت ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ قىسقا بولىدىكەن، بۇ نەتىجە بەلكىم بىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا بولغان قارىشىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلاش ئەڭ مۇۋاپىق ؟
ئەمىليەتتە ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلدىكىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېشىغا ئاساسەن ئۇخلاش ۋاقتىنى تاللاش لازىم، پەقەت كۈندۈزى ئۇيقۇسى كەلمىسىلا ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولغان بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن، بەزىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى پەسىلنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇخلاش ۋاقتى بارغانسېرى قىسقىرايدۇ، شۇڭلاشا كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك دېگەن خۇلاسە توغرا ئەمەس.
60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ھەركۈنى 5.5- 7 سائەتكىچە ئۇخلىسا مۇۋاپىق.
30- 60 ياشقىچە بولغانلار ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق.
13- 29 ياشقىچە بولغان ياشلار ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلىسا مۇۋاپىق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى