قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پائال تەييارلىق كۆردى

2018-06-07 10:26:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پائال تەييارلىق كۆردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىمتىھان نۇقتىسىدا جەمئىي 34 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يىڭچۈن مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، مەكتىپىمىز ئىمتىھان خادىملىرىدىن 100 نى سەپلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى تەسىس قىلدى. ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرىش ئۈچۈن كىملىكى ۋە بارماق ئىزىنى تەكشۈرتىدۇ. ئەگەر كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، چىراي شەكلىنى پەرقلەشتۈرۈش سىستېمىسى ئارقىلىق. ئىمتىھان مەيدانىغا كىرەلەيدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20- ئوتتۇرا مەكتەپتە، مەكتەپ يەنە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى. مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىچىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى جەھەتتە كاشىلا كۆرۈلسە، مەكتىپىمىزدە زاپاس گېنىراتور بار، ئىككى كۈنلۈك توك ئىشلىتىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئىمتىھانغا كېرەكلىك بويۇملار جەھەتتە، ھەر بىر ئىمتىھان مەيدانىغا قەلەم، ئۆچۈرگۈچ قاتارلىقلار سەپلەندى. ئوقۇغۇچىلار بۇ نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ۋاقتىدا تەمىنلەپ بېرەلەيمىز.
مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەنمۇ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىشلىرى 1- بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چيەنرۇ مۇنداق دېدى: كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى باستۇردۇق. ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردۇق.
مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، بورتالا شەھىرىدىكى «خۇاتىڭ» مەھەللىسى ۋە بورتالا ئوبلاستلىق ساياھەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەھەللىدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنى تەشكىللەپ، «ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇش» ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش دەرسخانىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى لۇ يىشۈەننى لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. بورتالا شەھەرلىك «فۇشىن» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فېڭ يۈ لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: لېكسىيەنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى، مەندە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى توغرىسىدا جىددىيلىشىش بار ئىدى. لېكسىيەنى ئاڭلاپ، جىددىيلىكنى تۈگىتىش بىلىملىرىگە ئىگە بولدۇم. ئىمتىھان مەيدانىدا جىددىيلەشمەي، ئۆگەنگەنلىرىمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىمەن.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇخبىر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم دورا دۇكانلىرىنى ئارىلاپ چىقتى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۆرۈشتىكى تۈرلۈك قۇۋۋەت تولۇقلاش بويۇملىرى بولۇپمۇ مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، مېڭە قۇۋۋەتلەش تۈرىدىكى دورىلار كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا تىزىلغان ئىدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرى مەدەنىيەت يولىدىكى بىر دورا دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى جياڭ شۆفاڭ مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەنكى، بالىلارنىڭ نورمال ئىمتىھان بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى ياكى دورىلارنى قارىغۇلارچە سېتىۋالماسلىق كېرەك.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى