قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىڭىزنى ئاپتوموبىلغا يالغۇز قويماڭ

2018-06-07 11:43:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ياز پەسلىدە ئاپتوموبىل ئىچى تېمپېراتۇرىسى بىر سائەت ئىچىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كىتىدۇ. ئەگەر بالىلار ئاپتوموبىل ئىچىدە ئۇنتۇپ قېلىنسا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىش، ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشتەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى؛ ئاپتوموبىلىڭىزنى سالقىن جايغا قويسىڭىزمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۈمكىن. تەتقىقاتچىلار يېقىندا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىنچىكە سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلمى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشتى.
تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان ئالتە ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ كۈنلۈك ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، تەتقىقاتچىلار بۇ ئاپتوموبىللارنى قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان جايغا ۋە سالقىن جايغا بىر سائەت قويغان، نەتىجىدە قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشكەن ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 47 سېلسىيە گىرادۇس، پىرىبور تاختىسى رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 69 سېلسىيە گىرادۇس، رول قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 52 سېلسىيە گىرادۇس، ئورۇن تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 51 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن؛ سالقىن جايغا قويۇلغان ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 38 سېلسىيە گىرادۇس، پىرىبور تاختىسى رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 48 سېلسىيە گىرادۇس، رول قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 42 سېلسىيە گىرادۇس، ئورۇن تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 41 سېلسىيە گىرادۇس بولغان.
تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئاپتوموبىل ئىچىگە سولۇنۇپ قالسا قانداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەقلىد قىلغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان ئاپتوموبىل ئىچىدە بىر سائەت ياكى سالقىن جايغا قويۇلغان ئاپتوموبىل ئىچىدە ئىككى سائەت تۇرغاندا بالىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدىكەن، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. چۈنكى، ئادەم بەدىنى تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، ھالبۇكى كىچىك بالىلار قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشىدىغان ئاپتوموبىل ئىچىدە بىر سائەت ياكى سالقىن جايغا قويۇلغان ئاپتوموبىل ئىچىدە ئىككى سائەت تۇرسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى قورامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە تېز بولىدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قېتىم ئاپتوموبىلدىن ئايرىلغاندا بالىنىڭ ئاپتوموبىلدا قالغان-قالمىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشىنى سەمىگە سالىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى