قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇرتۇمنىڭ يوللىرى

2018-06-07 11:48:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

فاڭ شىنلەي

ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى تاغ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆز ئورنىدا ئۈنسىز تۇرماقتا. بۇ تاغ ياڭشەن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندا قۇياش نۇرى ھەممە جاينى يورۇتۇپ قىزىل رەڭلىك نۇرغا چۆمدۈرگەن مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. تاغ ئۈستىدە قىزىل شەمشاد دەرىخى بۇك- باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، سېرىق رەڭلىك يوپۇرماقلار يەردە خۇددى ئالتۇن زەردەك نۇر چاقنىتىپ تۇراتتى. بۇ ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرە ئىچىدە ئۇيەر- بۇ يەردە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قورام تاشلاردا يىللارنىڭ ئىزناسىنى قالغان ئىدى. ئارام ۋاقىتلاردا يۇرتداشلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، تاتلىق ياڭيۇ قەلەمچىسى ياكى تۇرۇپ ياپراقچىلىرىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇۋاتاتتى.
ئىلان باغرىدەك توپا يوللار تاغ، بۇغدايلىق ۋە كەنتنى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرغان رىشتە ئىدى. بۇ يول ئېگىز- پەس بولۇپ، يامغۇر ياغسا، تېيىلغاق بولۇپ كېتەتتى، مومام 32 ياشقا كىرگەن يىلى، يامغۇر ياققان بىر كېچىسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ. بوۋام جىددىيلىشىپ، زەمبىل ياساپ باشقىلار بىلەن مومامنى كۆتۈرۈپ، ياڭلىڭ بازىرىدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ. لېكىن، يولنىڭ يېرىمىغا بارمايلا، مومام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بوۋام قانچە يىغلاپ قاقشىغان بىلەن مومامدىن سادا چىقماپتۇ.
دادام ئىككى ياشقا كىرگەندە ئانىسىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ، كاۋا بىلەن تاتلىق ياڭيۇنى تاماق ئورنىدا يەيدىغان شۇ كۈنلەردە دادام بىر تەرەپتىن كالا باقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇرلۇقچە مەكتەپكە بىرىپ دەرس ئاڭلاپ، بىر قانچە يىلدا دەرسلىكلەرنى ئۆگىنىپ بوپتۇ. چىرايلىق خەت يېزىشنىمۇ ئۆگىنىۋاپتۇ. 1966- يىلى قىشتا، دادام مۇشۇ توپىلىق يوللارنى بېسىپ سىرتقى دۇنياغا چىقىپ، ھەربىي فورما كىيىپ، تومۇر يول ئەسكىرى بوپتۇ. ئۇ دائىم مېنىڭ ئۆمرۈم قاتناش ئىشلىرى بىلەن زىچ باغلانغان دەيدۇ.
ئادەم بىر ئۆمۈر يولدا ماڭىدۇ، مەيلى قانچىلىك يىراق ماڭسۇن، ئۆز يۈرتىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ. دادام سىرتتا نەچچە يىل خىزمەت قىلىپ، نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپتۇ. 1971- يىلى ھەربىيلىكتىن چېكىنگەندە يەنە كەنتنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى يىڭجاڭى بولۇپتۇ. دادامنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، تاغنىڭ سىرتىغا تۇتىشىدىغان كەڭرى بىر يول ياساش ئىكەن. لېكىن، بۇ ئارزۇسى خېلىغىچە ئەمەلگە ئاشماپتۇ. 1972- يىلى قىشتا، دادام ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق شەھەرگە ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ، بىر ئاددى تاشيول ئىشچىسى بوپتۇ. شۇ يىلى قىشتا قار قېلىن يېغىپتۇ. ئاپپاق قار ئىشىك ئالدىدىكى تاغ، تاغدىكى دەرەخلەر، ئېتىزلار، يەنە ئىلانباغرى يولنى قاپلاپتۇ.
 بوۋام بىلەن كەنتتىكىلەر يەنىلا بېكىنمە ھالەتتىكى تاغ ئىچىدە يوقسۇللۇق ئىچىدە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئۈنۈمسىز يەرگە پەقەت بەدىيان، يەر ياڭىقى، قىچا قاتارلىقلارنى تېرىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپتۇ. بۇ تىرىشچان بوۋاينىڭ تاكى 1983- يىلى ئالەمدىن كەتكۈچە بۇ تاغلىق كەنتتىن سىرتقا چىقىپ باقمىغىنىغا ئەقلىم يەتمەيتتى.  
 مەن شەھەردە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن يۇرتۇمغا قايتىدىغان پۇرسىتىممۇ ئازلاپ كەتتى. كېيىن كەنتتىكى بالىلارنىڭ ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياڭلىن بازىرىغا بېرىپ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. بەزىدە يۇرتقا قايتىپ، كەنتنى ئايلىنىپ چىقاتتىم. تاغ يەنىلا شۇ تاغ، ئاي يەنىلا مىڭ يىل ئاۋالقى ئاي ئىدى. ئاي نۇرى تاغ بويىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان قاتار- قاتار بىنالارنى يورۇتۇپ، ئاجايىپ بىر گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.
 2013- يىلى دۆلەت يېزا تاش يول قورۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ باردى. ياخشى سىياسەت خۇددى باھار شامىلىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ياشىنىپ قالغان دادام پەقەتلا ئولتۇرالماي قالدى. ئۇ كۈندە ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراشلا يۈرەتتى، ئۇ مەبلەغ توپلاپ، يۇرتىدىكى يولنى ياساش ئۈچۈن ھەر يان چاپاتتى. ئۇ قانچىلىك يول ماڭغىنىنى، قانچىلىك سۆزلىگىنىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ، 2014- يىلى باش باھاردا، تېخى قارلار ئېرىمەستىلا ئۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىنى ئېلىپ مەيدانغا كەلدى.
كېيىنكى يىلى 4- ئايدا، يول ئاخىرى پۈتتى. خۇڭياڭ كەنتى ئۆزىنىڭ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. داقا- دۇمباق ئاۋازى كۆككە ياڭراپ، پوجاڭزا ئاۋازلىرى، ئاپتوموبىللارنىڭ سېگنال ئاۋازى بۇ تاغلىق كەنتتىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى. ئۇ كۈنى دادام ئادىتىنى بۇزۇپ، ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالدى. ئۇ يولدا دەلدەڭشىپ كېتىۋاتاتتى. يول كېڭىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يولنىڭ بىر ئۇچى ئۇنىڭ قەلبىگە تۇتاشقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىدىكى ياش تامچىلىرىنى كۆردۈم. شۇنچە ياشقا كېرىپ قالغان ئادەم بالىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى