قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نەنجىڭ- لەنجۇ- ئالتايغا بېرىپ- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى تۇنجى ھاۋا قاتنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2018-06-07 18:19:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، شېنجېن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ZH9583 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتاي ئايرودرومىغا ئوڭۇشلۇق قوندى، بۇ، نەنجىڭ- لەنجۇ- ئالتايغا بېرىپ- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى تۇنجى ھاۋا قاتنىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جياڭسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ جياجيا بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا مەخسۇس ئولتۇرۇپ ئالتاينى ساياھەت قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شىنجاڭغا كېلىپ باققان بولساممۇ، ئەمما ئالتايغا بېرىپ باقمىغان ئىدىم، ھازىر بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئەمدى ئالتايدىكى تېخىمۇ كۆپ مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلالايدىغان بولدۇق.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى شېنجېن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاچقان بولۇپ، بۇ لىنىيەدە ZH9583/4 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئالتاي، لەنجۇ، نەنجىڭدىن ئىبارەت 3 جاينىڭ ساياھەت كەسپى ۋە سودا ھەمكارلىقىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 3 جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر خىل سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، قاتناش باشلىغان شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاۋا تىرانسپورت يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئالتاي ئايرودرومى ھازىر شىئەن- ئالتاي، چېڭدۇ- ئۈرۈمچى- ئالتاي قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتتى.