قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرپان ساياھەت مەخسۇس پويىزى داۋاملىق جانلانماقتا

2018-06-07 18:21:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

5- ئاي كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا كېلىپ، تۇرپاننىڭ تارىخى مەدەنىيىتى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلىرىنى ساياھەت قىلىپ، يىپەك يولىدىكى بۇ گۆھەر زىمىننىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى لېي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «مەن جېجياڭدىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپانغا كەلدىم، ناخشا- ئۇسسۇللاردىن ھوزۇرلاندىم، بۇ يەرنىڭ مېۋىلىرىنىمۇ يېدىم، تۇرپان ھەقىقەتەنمۇ كېلىشكە ئەرزىيدىغان جاي ئىكەن. گۈزەل شىنجاڭنىڭ نامى ھەقىقەتەن بىكارغا چىقماپتىكەن».
تۇرپان «توڭيى» ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى تاجىگۈل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇرپان 5- ئاينىڭ 1- كۈنى بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىدىن قاتنىغان تۇنجى نۆۋەتچى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۈتىۋالدى، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 22 نۆۋەتچى ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى، 15 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالدى.
تۇرپان شەھىرى بۇ يىل 1- ئايدىن 5- ئايغىچە جەمئىي 535 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن  103 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، %23.8 ئاشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى