قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىرايلىق تاغ گۈللىرى ئارىسىدا ساياھەتچىلەر ئات مېنىپ قاراجۈن يايلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى

2018-06-07 18:22:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئات مىنىپ يايلاقتا چېپىش، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ قاراجۈن مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە بارغاندا چوقۇم سىناپ باقىدىغان تۈرلىرىنىڭ بىرى، چارۋىچىلارمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

ھازىر قاراجۈن يايلىقىدىكى ئاتلىق ئەترەتلەر بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، چارۋىچىلارغىمۇ بىر ئۈلۈش ئارتۇق كىرىم قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

6- ئايدىكى قاراجۈن يايلىقىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ياۋا گۈللەر قاپلىغان بولۇپ، ئاتلىق ئەترەتلەرنىڭ ئەزالىرى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دا شۇ كۈنلۈك چۈشلۈك تامىقىنى ئېلىپ، ئېتىنى يېتىلىگەچ يايلاققا كېلىپ دەل ۋاقتىدا ئىشقا چۈشىدۇ، رەڭلىك ئېگەر جابدۇقلار ئارتىلغان چىرايلىق ئاتلار ئەسلىدىنلا گۈزەل مەنزىرە رايونىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ.

تېكەس ناھىيەسى »باگۋاچېڭ« مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قارادالا بازىرى قاراجۈن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى تېلەۋقابول تاڭئاتار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتلىق ئەترەت قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ساياھەتچىلەر چارۋىچىلارنى ئىزدەپ ئات ئىجارىگە ئالاتتى، ئۇ چاغدىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەق ئېلىش كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى.

2012- يىلى قاراجۈن مەنزىرە رايونى ئېچىلغاندىن كېيىن، كەنتتە ئاتلىق ئەترەت قۇرۇلدى، ئەينى چاغدا ئۇ بىر نەچچە ئاي بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، 2014- يىلىغا كەلگەندە، چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتىكى 25 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىمۇ ئات ئەترىتىگە قوشۇپ پۇل تېپىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى. 2016- يىلى، كەنتتە »مانات« ساياھەت دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇلدى.

29 ياشلىق دۇلات قىزىلخان ئەسلىدە كەنتنىڭ مال دوختۇرى ئىدى، ئۇ قىزغىن، تىرىشچان بولغاچقا، 2014- يىلى كەنتتىكىلەر ئۇنى ئاتلىق ئەترەتنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسەتتى، ساياھەتچىلەر ئات مىنگىلى كەلسە، ئۇ ھەر بىر ئات باققۇچىغا ساياھەتچىلەرنى تەڭ تەقسىم قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىم قىلىشىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە تىرىشاتتى، ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىدە، بىر ئات كۈنىگە600، 700 يۈەن تاپالايدۇ.

تېلەۋقابول تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنتتە يەنە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىپ، ئاتلىق ئەترەتنى باشقۇرۇش ۋە ئاتلىق ئەترەت مۇلازىمىتى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

ئەسلىدىكى 25 ئات كۆپىيىپ ھازىرقى 70 كە يەتتى، ئىجارە ئات فېرمىسىنىڭ يېنىدا 8 يايما ئورنى بار بولۇپ، ئۇلار كەنتتىكى كىرىمى تۆۋەن چارۋىچىلارنى ساياھەت پەسلىدە يايما ئېچىپ، سۇ، يېمەكلىك ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىشقا ماسلاشتۇردى.

بىر يايما ئورنىدا ساياھەت مەزگىلىدە 25 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، يايما ئورنىنى ئىشلەتكەن چارۋىچىلار يايما ئورنىنى 3 يىل ھەقسىز ئىشلىتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەسلەپتە ئۇلار مال توشۇغاندا، موتسىكلىت ياكى ئات مىنەتتى، پۇل تاپقاندىن كېيىن كىچىك ماشىنا سېتىۋېلىپ مال توشۇيدىغان بولدى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى