قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتلىقتا ھەممە ئىشلار ئويلىغىنىڭىزدەك بولىشى ناتايىن. ئىچىڭىز پۇشۇپ قالغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ ئېغىز گەپنى ئويلاڭ

2018-06-07 18:34:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ.
كۆز ئالدىڭىزدىكى يول قانچىلىك جاپا-مۇشەققەتلىك بولسۇن،  ئىشىنىڭكى، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، نەچچە يىللاردىن كېيىن سىز چوقۇم ئەينى ۋاقىتتىكى قەيسەر، ۋاز كەچمىگەن ئۆزىڭىزدىن پەخىرلىنىسىز. خاتا ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز ۋاقتىدا ۋاز كېچىڭ، سىزگە ھەقىقىي تەۋە ئادەمنى قوغلاپمۇ كەتكۈزۈۋېتەلمەيسىز، خاتا مېڭىپ سالغان يولدىن دەل ۋاقتىدا قايتىڭ، ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ھاياتىڭىزدا ئوخشاش خاتالىقنى كەينى-كەينىدىن ئۆتكۈزمەڭ. مەشھۇرلار: «ئەگەر سىز قۇياشنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆز يېشى قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز يۇلتۇزلارنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويىسىز» دېگەن. ھاياتلىقتا رەپىتىس قىلىش يوق، ھەر كۈنى نەق مەيدان تارقىتىشتۇر، ۋاقىت ئۆتسىلا كەينىگە قايتمايدۇ، ھازىرقى ۋاقىتنى قەدىرلەش ئەڭ مۇھىم.
2. مەن يەنىلا شۇ مەن.
ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكى بولىدۇ،  باشقىلارنىڭ باھاسىگە بەك ئېتىبار بېرىپ كەتكەندە، ئادەم كۆپ ئويلاپ كېتىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. ھەر قانداق ئادەم مۇكەممەل ئەمەس، تىرىشىش بىلەنلا تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئۆزىمىزگە ئېرىشەلەيمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىزدىن پەقەت بىرسىلا بار، بۇ ھايات قىسقىغىنە ھايات، ئويلاپ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزەلمىسىڭىز بولدى ئويلىماڭ، ئېرىشەلمەيدىغان نەرسىگە ئېسىلماڭ، ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشنى قىلىڭ، ئۆزىڭىز سۆيىدىغان ئادەمنى سۆيۈڭ، ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭ، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلىسىڭىزلا بولدى.
3. ھەممە ئىش ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش.
ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتىڭىزدا پەيدا بولۇشىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ، بەزىلەر سىزگە ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسە، بەزىلەر سىزگە چوڭ بولۇشنى ئۆگىتىدۇ، سىزنى سۆيىدىغان ئادەم سىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، سىز سۆيىدىغان ئادەم سىزگە ئۈمىد بېغىشلايدۇ، سىزنى ئالدىغان ئادەم سىزنى سەگەكلەشتۈرىدۇ، سىزگە ئازار بەرگەن ئادەم سىزنى تېخىمۇ قەيسەر بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
ھاياتلىقنىڭ ھەربىر باسقۇچى قىممەتلىك، ھەربىر باسقۇچى سىزنىڭ سۆيىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ، ھەممە نەرسە ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ.
تۇرمۇشقا بارلىق ئىشلارغا كۈلۈپ قارىغاندا، ئىشلارنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلغاندا، ئۆزىڭىز كۈتكەن جاۋابغا چوقۇم ئېرىشەلەيسىز، ھەممىگە ۋاقىت توغرا جاۋاب بېرىدۇ. ھاياتىڭىزدا ئۇچراتقان ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارغا چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە كۈچەڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى