قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا جايلاردىكى قاتناش، داۋالاش تارماقلىرى ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بەردى

2018-06-08 11:11:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا 207 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. جايلاردىكى قاتناش، داۋالاش تارماقلىرى ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بەردى.       
6-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئېلىندى. زور تۈركۈمدىكى بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئاتا- ئانىلار ئىمتىھان نۇقتىسى قىلىنغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ سىرتىدا بالىلىرىنىڭ ئىمتىھاندىن چىقىشىنى تەققەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىشاتتى. كۈتۈش جەريانىدا بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىشسا، يەنى بەزىلىرى توختىماي ۋاقىتقا قاراپ بالىلىرىنىڭ چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتاتتى. سائەت 11:30 دە، ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئاياغلىشىشى بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچى فېڭ شياۋجياڭ ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ، سىرتتا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئاپىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىمتىھاندا ۋاقىت گەرچە قىسراق بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بەك تەس چىقماپتۇ.
  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا 207 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 20 مىڭ ئوقۇغۇچى كۆپ بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئىمتىھان رايونى 75 كە، ئىمتىھان نۇقتىسى 211 غا يەتتى. باي، قەشقەر كونا شەھەر، يوپۇرغا قاتارلىق ئالتە ناھىيەدە ئىمتىھان رايونلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. باي ناھىيەسىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچى ئايگۈزەل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھان بەرسە ئادەم ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمەيدىكەن ھەمدە بېسىمنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىسى بولىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن تۇققانلىرىم ۋە دوست- بۇرادەرلىرىم مېنى توختىماي رىغبەتلەندۈرگەچكە، مەن ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمىدىم. كەيپىياتىممۇ خېلى تۇراقلىق بولدى. مېنىڭچە ئىمتىھاننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە ئۆزگىرىش چوڭ ئىكەن، سوئال بىر قەدەر قىيىن چىقىپتۇ.
  جايلاردىكى مائارىپ، قاتناش، داۋالاش، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق تارماقلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى تەرتىپنى ساقلاپ، تۈرلۈك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتلىك كىشىلەرمۇ بەستە- بەستە ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى چاڭجياڭ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى سو يوۋسەي مۇنداق دېدى: ئەترىتىمىزدىكىلەر ئىمتىھاندىن ئىككى، ئۈچ كۈن بۇرۇنلا ئىمتىھان مەيدانلىرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ھەقسىز توشۇش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇردۇق. بىز ئورۇنلاشتۇرغان بۇ ئىككى ئاپتوموبىل ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەرھال ئۆيىگە ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە كىملىكىنى ئۇلارغا ئەكىلىپ بېرىدۇ.   قاراماي شەھىرىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ھەقسىز توشۇيدىغان 50 تاكسى شوپۇرى، شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بىرمۇ بىر مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويدى. تاكسى شوپۇرى لى يۈچىڭ مۇنداق دېدى: مەن تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپلا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ توشۇشقا باشلىدىم. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بولۇپلا قالماي يەنە بىزنىڭ پەخرىمىز. مەن ئۇلارنى توشۇغاندا ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنى غەيرەت قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردۇم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى