قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ

2018-06-08 11:15:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئاينىڭ24- كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى، مۇشۇ ئاينىڭ26- كۈنى  ھەر قايسى تىل ۋە ھەر قايسى تۈركۈملەردىكى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش نۇمۇر چېكىنى ئېلان قىلىپ، «نۇمۇر، رەت تەرتىپى ۋە نۇمۇر چېكىنى بىلىش» ئاساسىدا ئارزۇ تولدۇرۇشنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى مۇشۇ ئاينىڭ28- كۈنىدىن7- ئاينىڭ1- كۈنىگىچە بولىدۇ.
بۇ يىل، تولۇق كۇرس1- تۈركۈم بويىچە ئارزۇ قوبۇل قىلىشتىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى تۈركۈملەردىكى ئارزۇنى ئۆزگەرتىپ تولدۇرسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش خەۋپىنى ئازايتىپ، ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايون بۇ يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى7- ئاينىڭ5- كۈنى باشلىنىپ،8- ئاينىڭ27- كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. بۇ-- ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاز ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى