قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلاردىكى زىيادە سەزگۈرلۈك

2018-06-08 11:35:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %30 بالىدا پەسىل ئالماشقاندا ئىچ سۈرۈش، زۇكامداپ قىزىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. %34 بالىدا پەسىل ئالماشقاندا ھۆل تەمرەتكە، يەلتاشما قاتارلىق زىيادە سەزگۈرلۈك ھادىسىلىرى كۆرۈلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، %63 كە يېقىن ئاتا- ئانىلار بالىلاردىكى زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش» پائالىيىتىدە نوپۇزلۇق بالىلار ساغلاملىقى مۇتەخەسسىسى، دوختۇر سۈي يۈتاۋ مۇنداق دېدى: ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ قالايمىقانلىشىشى بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ قالايمىقان ھالىتىنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل.
سۈي يۈتاۋ مۇنداق دېدى: ئىممۇنىتېت كۈچى قالايمىقانلاشقاندا بالىلاردا روھىي چۈشكۈنلىشىش، ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىش، تەكرار- تەكرار زۇكامداپ قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %52 ئاتا-ئانا بالىلىرىغا ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلەتمەيدىكەن، %44 ئاتا- ئانا ئاندا- ساندا ئىشلىتىدىكەن. سۈي يۈتاۋ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئانتىبىيوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يەتتى، ھازىر ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى خېلى ياخشى.
ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئانا سۈتىدە بېقىش بىلەن ۋاكسىنا ئەملەش بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول. بۇنىڭدىن سىرت، ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %76 ئاتا- ئانا ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. سۈي يۈتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىنىڭ %70 تى ئۈچەي يولىدا بولىدۇ، ئۈچەي يولى ساغلاملىقى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق كاپالىتى. ئادەتتە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قۇرۇلۇشى تۇغۇلغاندىن كېيىن تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ، ئىككى ياش ئەتراپىدا ئاساسەن مۇقىملىشىدۇ. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلسا ئاسانلا ئۈچەي ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
سۈي يۈتاۋ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بالىلار ئاغرىپ قالغاندا ئانتىبىيوتىكلارنى ئىشلىتىشتىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئانتىبىيوتىكنى ئىشلەتكەندە بالىلارنىڭ ئۈچەي يولى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشتىن باشقا، ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭشەپ، ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى