قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر كېچىلىك خىزمەت

2018-06-08 11:40:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇزۇڭلىنىڭ «مەملىكەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ» قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىنى «خەلق ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلماقچى بولۇپ، ماقالىنى رەتلەپ تەييارلاپ، زۇڭلىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا بەردىم.
 بىر كۈنى، زۇڭلى ئىشخانىسىدىن ماڭا جوڭنەنخەي ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە كېلىپ كېتىشنى ئۇقتۇردى. مەن بېرىپ زۇڭلى ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۇنىڭ ئىشخانىسى ئېگىز تۇرۇسلۇق ئۆي ئىكەن، ئىشخانا ئەسلىھەلىرى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، كىچىكرەك يېزىق ئۈستىلى، ئىككى ئايلانما ئورۇندۇق، بىر ئۈستەل چىرىغىدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. زۇڭلى مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۈستى- ئۈستىگە دەستىلەپ قويۇلغان ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۈگۈن كەچتە مۇشۇ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىقىشىم كېرەك، سىلەر ئېلىپ كەلگەن ماقالىنى ئەڭ ئاستىغا قويۇپ قويدۇم. سىز ياندىكى دىجورنى خانىدا ئۇخلاپ تۇرۇڭ، مەن ۋاقتى كەلگەندە سىزنى چاقىرىمەن» دېدى.
مەن دىجۇرنى خانىدا ئۇخلىدىم. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمىدىم، بىر چاغدا دىجورنى يولداش مېنى ئويغىتىپ: «زۇڭلى سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ» دېدى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلىغاچ زۇڭلىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. زۇڭلى مېنى ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ، مەن رەتلىگەن خاتىرە ماقالىسىنى بىرگە كۆرۈشۈپ بېرىشىمنى ئېيتتى. ئۇ جۈملىمۇ جۈملە ئوقۇغاندىن كېيىن، جۈملىنىڭ ئاخىرىغا كىچىك چەمبەر سىزىپ قوياتتى. ئۇ ماقالىگە كۆز يۈگۈرتۈپلا بولدى قىلماستىن، ئەكسىچە بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن ئويلىناتتى. بەزىدە قەلىمىنى توختىتىپ قويۇپ نېمىلەرنىدۇ خىيال قىلسا، بەزىدە مەندىن ئۇنى- بۇنى سوراپ قوياتتى. جىمجىت كېچە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن زۇڭلى ماقالىنى كۆرۈپ بولۇپ، ماڭا سۇندى.
بۇ ۋاقىتتا، دىجورنى يولداش ئىككى ئىستاكان قىززىق يېشىل چاي ۋە بىر تەخسە خۇاسىڭ مېغىزىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى. زۇڭلى مېنى بىللە ئولتۇرۇپ خۇسىڭ مېغىزى يېگەچ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. خۇاسىڭ مېغىزى ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، سانىۋالغۇدەكلا ئىدى، بىز ئازراق چاي ئىچىشكەندىن كېيىن خورازنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. زۇڭلى ئورنىدىن تۇرۇپ: «مەن چۈشتىن بۇرۇن ئازراق ئارام ئېلىۋالاي، چۈشتىن كېيىن پائالىيەتكە قاتنىشىمەن، سىزمۇ بېرىپ ئۇخلىۋېلىڭ» دېدى.
مەنمۇ تەڭ ئورنۇمدىن تۇردۇم، دىققەتسىزلىكتىن ئايلانما ئورۇندۇقنى مايماق قىلىپ قۇيۇپتىمە، بۇنى كۆرگەن زۇڭلى ئۇنى تۈزلەپ قويغاندىن كېيىن، ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
 قايتىش يولۇمدا مەن توختىماي ئويلاندىم ۋە ئۆز- ئۆزۈمگە: «مانا بۇ بىزنىڭ زۇڭلى. ئۇ نېمىدېگەن جاپاكەش ھەم نېمىدېگەن ئاددىي- ساددا-ھە!» دەپ پىچىرلىدىم.
كېيىنكى كۈنلەردە، مەن دائىم: «قاراڭلار، مانا بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ زۇڭلىسى. مەن ئۇنىڭ بىر كېچىلىك خىزمىتىنى كۆردۈم. ئەمما، ئۇ ھەر كۈنى كېچىدە ئەنە شۇنداق خىزمەت قىلىدۇ. سىلەر بۇنداق زۇڭلىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟» دەپ پۈتۈن دۇنياغا خىتاپ قىلىمەن، دەپ ئولايدىغان بولۇپ قالدىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى